باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەر مىللەت كادىر ئاممىسى باش شۇجىنىڭ ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى

2016.10.27 14:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 21-ئۆكتەبىر قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت كادىر ئاممىسى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

  گۇيجۇنىڭ زۇنيىدىكى پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى لى گۇاڭ بۇ يىل 96 ياشقا كىرگەن. ئۇ تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دەيدۇ: ئۇزۇن سەپەر يىللىرىنى بىر ئۆمۈر ئۇنتۇپ قالمايمەن. قارلىق تاغلاردىن ئۆتكەندە يولدا ئۆلۈپ كەتكەن سەپداشلارنى كۆرۈپ تۇراتتۇق. ھەربىرىمىزنىڭ مۇستەھكەم ئىنقىلابىي غايىسى ۋە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغاچقا قىزىل ئارمىيە 25 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرنى تاماملىيالىدى.

  قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەردە بېسىپ ئۆتكەن يايلاق دېگەن نام بېرىلگەن سىچۈەن ئۆلكىسى ئابا زاڭزۇ چياڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خۇڭيۈەن ناھىيەسىدە بۇ يىل 4-ئايدا ئۇزۇن سەپەر كادىرلار ئىنستىتۇتىنىڭ خۇڭيۈەن شۆبە ئىنستىتۇتى رەسمىي قۇرۇلدى. ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى لياۋ مىن مۇنداق دېدى: بىز قىزىل بايلىقتىن جەزمەن ياخشى پايدىلىنىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە سەھنىسى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بۇ تارىخنى تونۇتۇشىمىز، چۈشەندۈرۈشىمىز، ئېسىگە سېلىشىمىز، تەربىيە ۋە ئىلھام بېرىشىمىز لازىم.

  مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇرۇسۇل مۇنداق دەيدۇ: قىزىل ئىنقىلاب گېنى بار ھازىرقى زامان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئىشەنچىسى، نەزەرىيە ئىشەنچىسى، تۈزۈم ئىشەنچىسى، مەدەنىيەت ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، ئۆز دۆلىتى ۋە مىللىتىدىن ئىپتىخارلىنىشى كېرەك.

  يېقىندا «مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جاسارەت مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن خۇنەن ئۆلكىسى ماياڭ ناھىيەسى تەنجياجەي يېزىسى نەنمۇچياۋ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تەن زېيۇڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ سۆزى نامرات تاغلىق رايوندىكى ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا كۈچلۈك روھى كۈچ قوشتى. خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتى ھەممىدىن ئۈستۈن بولۇش ئۇزۇن سەپەر روھىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ھازىر تەنجياجەي يېزىسىنىڭ توققۇز كەنتىدىكى قېرىنداشلار ھەمكارلىشىپ، 2018-يىلى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا مېڭىش ئۇزۇن سەپىرىگە ئاتلىنىشقا تىرىشماقتا.

  چىڭخەي ئۆلكىسى يۈشۇ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئاشيايۇڭخۇڭ مۇنداق دېدى: بىز ئۈچ دەريا مەنبىيىدە ساياھەت لىنىيەسىنى تەكشۈرۈۋاتقاندا، خاتىرىلەش يىغىنىنى يانفون ئارقىلىق بىۋاسىتە كۆردۇق. مېنىڭچە، يېڭى دەۋردە ئۇزۇن سەپەر روھىغا ۋارىسلىق قىلىشتا ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەمەلىي خىزمىتىمىزگە سىڭدۈرۈپ، ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشىمىز لازىم.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ ئېلېكتىر قۇۋۋىتى ئىشچىسى ليۇ شىنمېن مۇنداق دېدى: توك بىلەن تەمىنلەش رايونىدىكى ھەربىر توك سىمى لىنىيەسىنى ياخشى تەكشۈرۈپ، ھەربىر توك سىمى لىنىيەسىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنى كۈچلۈك ئېلېكتىر قۇۋۋىتى كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر