خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى) كورلا شەھەرلىك 2- دوختۇرخانىسى، كورلا شەھەرلىك ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسى ۋە كورلا شەھىرى يېڭىشەر يېزىلىق شىپاخانىدىكى دوختۇر-سېسترالار بىرلىكتە 26-،27- ئۆكتەبىر كورلا شەھەرلىك 16- ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يېڭىشەر يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى 2800 ئوقۇغۇچىنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈردى.
سۈرەتتە: سەھىيە خادىملىرى يېڭىشەر يېزىسى قاراباغ كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرمەكتە
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى