باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا «ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش»نى چىڭ تۇتتى

2016.10.27 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6- ئومۇمىي يىغىنى 24- ئۆكتەبىردىن 27- ئۆكتەبىرگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم مەسىلىلەر تەتقىق قىلىندى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قاتتىق جازالاپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى پاكىزلاپ، «يولۋاس»، «چىۋىن»غا تەڭ زەربە بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «تاقەت قىلماسلىق» پوزىتسىيەسى بىلەن چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاشتا چىڭ تۇردى.

  «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە»دىن تارتىپ ھازىر قاراپ چىقىۋاتقان «يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە مىزان»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى»غىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشتا تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا بارغانسېرى ئېتىبار بېرىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ ئىدارە قىلىشنى تەكىتلەپ، چىرىكلىكنىڭ مەنبەسىدىن ئالدىنى ئېلىپ، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلماسلىق، چىرىكلەشمەسلىك، چىرىكلىشىشنى خالىماسلىقتەك سىياسىي كەيپىيات بەرپا قىلدى.

  ھادىسىدىن تۈزەش ماھىيەتتىن تۈزەشكە ۋاقىت ئۇتۇپ بېرىدۇ

  ھادىسىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش ئەمەلىيەتتە جۇڭگو تېبابىتى ئاتالغۇسى بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى داۋالاش جەريانىدا يۈزەكى كېسەللىك ئالامىتىنى يوقىتىپلا قالماستىن، كېسەلنى يەنە يىلتىزىدىن يوقىتىش دېگەنلىكتۇر.

  «ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، جازالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشقا تەڭ ئېتىبار بېرىش، ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ھالدا چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.» ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە قارىتا ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى، مۇرەككەپلىكى ۋە مۈشكۈللۈكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەك. ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھازىر ھادىسىدىن تۈزەشنى ئاساس قىلىپ، ماھىيەتتىن تۈزەش ئۈچۈن ۋاقىت ئۇتۇش كېرەك.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2013- يىلى مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى 1 مىليون 950 مىڭدىن ئارتۇق پاش قىلىش ئەرزىنى قوبۇل قىلىپ، 170مىڭدىن ئارتۇق دېلو تۇرغۇزۇپ، 180مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى پارتىيە ئىنتىزامى، سىياسىي ئىنتىزام بويىچە جازالىغان. شۇ يىلى 5-ئايدا، مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى 1- نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتىنى يولغا قويغان.

  ئۇنىڭدىن باشقا، مەركەز ۋە يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى يېڭى يىل، چاغان، تاۋۇز چاغىنى، دۆلەت بايرىمى قاتارلىق بايراملاردا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈش ئارقىلىق، پاش قىلىش سۇپىسى قاتارلىق يوللار بىلەن «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن ئۆز ئارا زىيارەت قىلىش، سوۋغات بېرىش، زىياپەت ئۆتكۈزۈش، ساياھەت قىلىش قاتارلىق ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي توسقان. 2013- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە، مەركەزنىڭ «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى»نىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن 24521نى تەكشۈرۈپ، 30420 كىشىنى بىر تەرەپ قىلغان، 7692 كىشىنى پارتىيە ئىنتىزامى، سىياسىي ئىنتىزام بويىچە جازالىغان.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر