- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گوۋۇيۈەن «ئۇقتۇرۇش» تارقاتتى
مەملىكەت بويىچە بۇلغىنىش مەنبەسى يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈلىدۇ
2016.10.27 15:30 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «2- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە بۇلغىما مەنبەسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، 2017- يىلى 2- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە بۇلغىما مەنبەسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەملىكەت بويىچە بۇلغىما مەنبەسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش مۇھىت ئاسراشنىڭ ئۇل خىزمىتى. «مەملىكەت بويىچە بۇلغىما مەنبەسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نىزامى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 2- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە بۇلغىما مەنبەسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، بۇلغىما مەنبەلىرىنىڭ سانى، ساھە ۋە رايونلارغا تارقىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئاساسلىق بۇلغىمىلارنى چىقىرىش، قويۇپ بېرىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى بىلەن تونۇشۇپ، نۇقتىلىق بۇلغىما مەنبەلىرىنىڭ ئارخىپى، بۇلغىما مەنبەسى ئۇچۇرى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ۋە مۇھىت ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلىش سۇپىسى قۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئېلىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىت ئەھۋالىغا توغرا ھۆكۈم قىلىپ، قاراتمىلىقى بار ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە مۇھىت ئاسراش سىياسىتى، يىرىك پىلانى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، مۇھىت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر