باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى»نى شىنجاڭدا ئىزچىللاشتۇرۇپ يولغا قويۇش چارىسىنى بېسىپ تارقاتتى

2016.10.27 15:24         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ <جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى>نى يولغا قويۇش چارىسى»نى بېسىپ تارقاتتى. «يولغا قويۇش چارىسى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى»غا ئەمەل قىلىش ئاساسىدا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت باش نىشان تەلىپىگە زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك ئەھۋالى ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، «پاسسىپلار تىزىملىكى» تۇرغۇزۇلۇپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تەرتىپى قېلىپلاشتۇرۇلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىدىكى مۇھىم تۇتقىغا ئايلاندى.

  «يولغا قويۇش چارىسى»غا «مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى»دىكى مەزمۇن، تەلەپلەر ئومۇميۈزلۈك سىڭدۈرۈلدى ھەم مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ئەھۋالى، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش شەكلى، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تەرتىپى، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش نەتىجىسىنى قوللىنىش يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ قېلىپلاشتۇرۇلدى. بىرىنچى، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەدبىرى، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىك ۋە سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ۋە «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئالدىنى ئېلىپ زەربە بېرىش، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى مۇستەھكەملەش، دىنلار ئىناقلىقى، مۇلايىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سىياسىي جەھەتتىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش مەسىلىسىنى رەتلەپ خۇلاسىلەپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ئەھۋالىنى يىغىنچاقلاپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ تۈپ ئاساسى شەكىللەندۈرۈلدى. ئىككىنچى، پارتىيە قائىدىسى ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى باشلاش، تەكشۈرۈش، قارار قىلىش، ئىجرا قىلىش، ئەرز سۇنۇش، دوكلات قىلىش، يىپ ئۇچىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش، نەتىجىسىنى تەتبىقلاشقا قارىتا ئىنچىكە بەلگىلىمىلەر چىقىرىلىپ، تۈزۈمنىڭ مەشغۇلاتچانلىقى ئاشۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەركەزنىڭ مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىگە بولغان تەلىپىگە ئاساسەن، مەسئۇلىيەت پارتىيەنىڭ تەشكىلات، تەشۋىقات، بىرلىك سەپ، سىياسىي - قانۇن قاتارلىق خىزمەت تارماقلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا يۈكلىنىپ، ھوقۇق، مەسئۇلىيەت بىردەك بولۇش پىرىنسىپى ۋە قاتلاممۇ قاتلام بېسىم پەيدا قىلىشتەك روشەن پوزىتسىيە گەۋدىلەندۈرۈلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتكەن. 10- ئاينىڭ 20- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايون بويىچە سىن يىغىنى ئېچىپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش بويىچە سەپەرۋەرلىك ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، خىزمەتتە ئەستايىدىل بولماسلىق، رەتكە سېلىپ ئۆزگەرتىشى جايىدا بولماسلىق قاتارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش مەسىلىلىرىگە قارىتا ۋاقتىدا مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تەرتىپىنى يولغا قويۇپ، ئالاقىدار پارتىيە تەشكىلاتى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتى ۋە رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پولاتتەك ئىنتىزام بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى چوڭ سىياسەت - فاڭجېنلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى ئېنىق تەلەپ قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر