- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسى سامسۇڭ Note 7 يان تېلېفونىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلىدى
2016.10.27 15:42 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭ Galaxy Note 7 يان تېلېفونىدا ساقلانغان مەسىلىگە قارىتا، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسى 2016-يىلى 27-ئۆكتەبىردىن باشلاپ، ساياھەتچىلەر ۋە ئايروپىلان خىزمەتچىلىرىنىڭ ياندا ياكى قولدا ئېلىپ يۈرىدىغان يۈك-تاقىدا Galaxy Note 7 يان تېلېفونىنى ئېلىپ يۈرۈشىنى مەنئى قىلغان؛ Galaxy Note 7 يان تېلېفونىنى ھاۋالىلىك توشۇش بىلەن توشۇشنى مەنئى قىلغان؛ Galaxy Note 7 يان تېلېفونىنى ئاۋىياتسىيە مېلى قىلىپ توشۇشنى مەنئى قىلغان.
پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسى ئاۋىياتسىيە شىركىتى ۋە يەر ئۈستى مۇلازىمەت ۋاكالەتچىسى، ئاۋىياتسىيە سېتىش ۋاكالەتچىسىدىن بىلەت سېتىش، ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتى ئۆتەش، مال توشۇش قاتارلىق ھالقىلاردا يۇقىرىدا بەلگىلەنگەن مەزمۇنلار بويىچە ئۇقتۇرۇش قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
يۇقىرىدا ئېيتىلغان بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى ج خ ئورگانلىرى، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى مەمۇرىي ئورگانلىرى ئەھۋالغا قاراپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن، بەلگىلىمىلىرى بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ.
(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر