باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ بىناكارلىق-قۇرۇلۇش ساھەسىدە ئەمگەكچى ئىشلىتىشتە ھەقىقىي ئىسىم قوللىنىش بىلەن باشقۇرۇلىدۇ

2016.10.27 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى كۈنلەردە، ش ئۇ ئا ر ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلار ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىناكارلىق-قۇرۇلۇش ساھەسىدە ئەمگەكچى ئىشلىتىشتە، ھەقىقىي ئىسىم قوللىنىشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ بىناكارلىق-قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى ئەمگەكچى ئىشلىتىشتە تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى.

  تەلەپكە بىنائەن، بىناكارلىق-قۇرۇلۇش ساھەسىدە ئەمگەكچى ئىشلىتىدىغان كارخانىلارIC كارتىسى ئارقىلىق يوقلىما قىلىش تېرمىنال ئاپپاراتى، ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تىزىملاش تۈزۈمى بويىچە ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئورنىتىش ئارقىلىق، قۇرۇلۇش قىلغۇچى كارخانىلار بىرىنچى سەپتىكى خادىملارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ھەرىكەت ھالىتى بويىچە نامايان قىلىدىغان تىزىملىك، يوقلىما ۋە مائاش بېرىش، ئەمگەك-مۇلازىمەت خادىملىرىنىڭ چىقىپ كېتىش خاتىرىسى قاتارلىقلارنى ھەقىقىي ئىسىم بويىچە باشقۇرۇش دەپتىرى تۇتۇپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش ۋە يامان غەرەزدە ئىش ھەققى ئېلىش ئەھۋالىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىش ھەققىنى يامان نىيەتتە نېسى قالدۇرغان، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا تاكى تىجارەت كىنىشكىسى بىكار قىلىنغىچە قانۇن بويىچە تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىش، سالاھىيىتىنى تۆۋەنلىتىش ياكى سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر