- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئافغانىستاندىكى «بازا» تەشكىلاتىنىڭ ئۈچ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆلدى
2016.10.28 14:46 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئافغانىستان دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىدارىسىنىڭ 27- كتەبىر ئىسپاتلىشىچە، «بازا» تەشكىلاتىنىڭ ئۈچ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى يېقىندا، كونار ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي قىسمىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئۆلگەن .
ئافغانىستان دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: يۇقىرىقى ئۈچ كىشى 24- ئۆكتەبىر كەچتە، كونار ئۆلكىسىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئۆلدى .بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسىنىڭ ئىسمى ئايرىم-ئايرىم پارۇق ۋە بىلال بولۇپ، يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى ئاشكارىلانمىدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: پارۇق ئافغانىستان «بازا» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، بىلال ئۇنىڭ ياردەمچىسى ئىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر