باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلاردىكى كادىر، ئامما ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6- ئومۇمىي يىغىنىنى بەس-بەستە مۇنازىرە قىلدى

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك

2016.10.28 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6- ئومۇمىي يىغىنى 24- ئۆكتەبىردىن 27- ئۆكتەبىرگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا، «يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە مىزان»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى» قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار، ئاممىنىڭ مۇنازىرىسىنى قوزغىدى. كۆپچىلىك بىردەك ئومۇمىي يىغىن نۇقتىنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش ۋە پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى دەپ قارىدى؛ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  جايلاردىكى پارتىيەلىك كادىرلار، ئامما مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىندا «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى» ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر قايسى مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلدى، بۇ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئەتى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە كۈچەيتىشنىڭ تۈپ كاپالىتى، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىدا چىڭ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجى. بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداش، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاق ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشتا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كۈچنى يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىس ئۈستىدىن غالىب كېلىشتە، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ بىر نىيەتتە، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىدە، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ گۈللىنىپ، ئەبەدىي ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر