باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەردە غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ئېچىلدى

2016.10.28 15:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى پارتىيە تارىخى ئىلىمى جەمئىيىتى، جۇڭگو كومپارتىيەسى پارتىيە تارىخى شەخسلەر تەتقىقات جەمئىيىتى، جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيى، جۇڭگو كومپارتىيەسى گۈيجۇ ئۆلكىلىك كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەردىكى ئۇلۇغ تۆھپىسى ئەستە ساقلاش، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى نۇرلاندۇرۇش، بۈگۈنكى ئۇزۇن سەپەرنى ئوبدان داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان «جۇڭگو ئىشچى دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى ئۇزۇن سەپەردە غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» 26-ئۆكتەبىر جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ئېچىلدى.

  ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ مۇنداق دېدى: ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنىڭ ئىلھامىدا، سەنئەتكارلار قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەردە بېسىپ ئۆتكەن ئىزلىرىنى ئىزدەپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ جەنۇبتىن شىمالغا يۈرۈش قىلدى، زۇنيى يولىدا قايتا ماڭدى،يەنە چىشۈي دەرياسىدىنمۇ ئۆتتى، مىڭلىغان تاغ-دەريالارنى ھالقىدى، شىمالغا يۈرۈش قىلىشتىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك يۆتكىلىشنىڭ سىگنالىنى ئاڭلىدى، تارىخىي چىنلىققا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، بەدىئىي تەسەۋۋۇر كۈچى بىلەن ساپ، باش تېمىسى ئېنىق ھەر خىل رەسىملەرنى سىزىپ، سەنئەتنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىنى نامايان قىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى باشلامچىلىق قىلغان، ھەرقايسى يوللاردىكى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرىگە قوماندانلىق قىلىش شانلىق تارىخىنى ئىپادىلىدى ۋە مەدھىيەلىدى. قىزىل ئارمىيەنىڭ «شىمالىي شەنشىگە بېرىشى»، «جەنۇبتىن ۋۇجىياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈش، لىزۇلار رايونىدا ئىتتىپاق قۇرۇش، «ماۋزېدۇڭ گۇتيەن يىغىنىدا» قاتارلىق 80 پارچە ماي بوياق رەسىم جۇڭگوچە رەسىم ۋە ھەيكەلتىراشلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىندى.

  كۆرگەزمە 6-نويابىرغىچە داۋاملىشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر