باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى تۇنجى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئاۋىياماتكا ياساش، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ مائاشىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش قاتارلىقلار ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى

2016.10.28 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چيەن 27- ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تۇنجى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئاۋىياماتكا ياساش، يېقىندا ئازادلىق ئارمىيەنىڭ مائاشىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش قاتارلىقلار ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  تۇنجى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئاۋىياماتكىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بىرلەشتۈرۈلۈپ شەكىلگە كىردى

  ۋۇ چيەن مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ تۇنجى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئاۋىياماتكا تەتقىق قىلىپ ياساش خىزمىتى پىلاندىكىدەك ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، ھازىر لايىھەلەش خىزمىتى تاماملاندى، كېمىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى دوكتا بىرلەشتۈرۈلۈپ شەكىلگە كىردى، ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش ۋە كېمە ئۈستىگە قۇرۇلمىلارنى ئورنىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر ئىشلىنىۋاتىدۇ.

  يېقىندا ئازادلىق ئارمىيەنىڭ مائاشى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈلىدۇ

  مۇخبىر يېقىندا ئالاقە تورى ۋە ئۈندىداردا ئازادلىق ئارمىيە مائاشىنىڭ ئۆستۈرۈلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت خەۋەر تارقالدى، بۇ راستمۇ؟ دەپ سورىدى.

  ۋۇ چيەن مۇنداق دېدى: بۇ خەۋەر راست. بۇ قېتىمقى ھەربىيلەرنىڭ مائاشىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئىش ھەققىنى قەرەللىك ئۆستۈرۈش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم مائاش تەڭشىشى ھېسابلىنىدۇ. شۇنى كۆرسىتىپ قويۇشقا ئەرزىيدۇكى، ھەربىيلەرنىڭ مائاش سەۋىيەسى دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش سىياسىتى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھەربىيلەرنىڭ كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ بېكىتىلگەن. ھەربىيلەرنىڭ مائاشىنى مۇۋاپىق سەۋىيەدە ساقلاش، ھەربىيلەرنىڭ كېيىنكى ئىشلاردىن ئەنسىرىشىنى يېنىكلىتىپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر