باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئون يىلدىن بۇيان يەرشارى كىشىلىك ھوقۇقنى ئوڭشاش ئىشلىرىغا زور تۆھپىلەرنى قوشتى

2016.10.31 16:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن 71-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشى يېڭى بىر نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئەزالىرىنى سايلىدى، جۇڭگو يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۇدا سايلىنىپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا تۆت قېتىم سايلانغان ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

  كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى نۇرغۇن كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ ئاساسى بولغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى تىلغا ئېلىنسا بەزىلەر جەزمەن بىلىدۇ. بۇ ئاپپارات 1946-يىلى قۇرۇلغان، ئەينى چاغدىكى مەقسىتى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ھەمدە ئۆز-ئارا چۈشىنىشى ۋە ھەمكارلىقىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئىدى. ئەمما سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئالاھىدە شارائىتتا، بۇ كومىتېت ئەسلى مەقسىتىدىن تەدرىجىي يىراقلىشىپ كەتتى. بولۇپمۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى غەرب ئەللىرى 11 قېتىم جۇڭگوغا قارشى تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويدى، ئەمما ھەممىسىدە مەغلۇپ بولدى. كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ سىياسىي كۈرەش قورالىغا ئايلىنىپ قالغاچقا، ئىچكى نىزا ۋە قارشىلىشىش داۋامىدا شۆھرىتى ۋە رولىنى يوقاتتى. 2005-يىلى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەينى چاغدىكى باش كاتىپى كوفى ئاننان: كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئىناۋەت كىرىزىسى ئېغىرلىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سىستېمىسىنىڭ ئىناۋىتىگە داغ چۈشۈرمەكتە، دېگەن ئىدى.

  مۇشۇنداق ئېغىر ئەھۋالدا كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 2006-يىلى بارلىققا كەلدى. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ قۇرۇلۇشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەر بۇ يېڭى ئاپپاراتقا ئۈمىد باغلاپ، قارشىلىشىشنى سۆزلىشىشكە، بېسىم قىلىشنى ھەمكارلىشىشقا، بىر-بىرىنى ئەيىبلەشنى ئالماشتۇرۇش، ئەينەك قىلىشقا ئۆزگەرتتى. جۇڭگو قاتارلىق 47 دۆلەت تۇنجى نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى، بۇ يەرشارى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنى ئوڭشاشنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى بولدى.

  جۇڭگو ئەزەلدىن كەڭ قورساقلىق بىلەن ھەممىنى قوبۇل قىلىش پوزىتسىيەسى بىلەن، ئۆز ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق يولىدا مېڭىپ كەلدى. جۇڭگو بىر مىليارد 300 مىليون كىشىنىڭ كىيىنىش، تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، 700 مىليوندىن كۆپرەك نامرات نوپۇسنى ئازايتىپ، 770 مىليون كىشىگە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تولۇق ئىشقا ئاشۇردى، كىشىلىك ھوقۇق نەتىجىلىرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ يىل كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ دەل ئون يىللىقى. ئۆتكەن ئون يىلدا، جۇڭگو ئۈچ قېتىم كېڭەش ئەزاسى بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىغا تەڭ ئېتىبار بېرىشىنى تەشەببۇس قىلدى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش، ئافرىقىلىقلار پۇشتىنىڭ ھوقۇقى، كۆچمەنلەر ھوقۇقى، تىنچلىق ھوقۇقى قاتارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ئۆتكەن ئون يىلدا، جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بىخەتەر ئىچىملىك سۇ، مەدەنىيەت ھوقۇقى، مېيىپلار ھوقۇقى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا ئىتتىپاقلىق، دېموكراتىك ئادىل خەلقئارا تەرتىپنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق مەخسۇس ئالاھىدە مېخانىزملارنى ئورنىتىشىنى قوللىدى. ئۆتكەن ئون يىلدا، جۇڭگو يەنە ئاشلىق بىخەتەرلىكى، خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى توغرىسىدىكى ئالاھىدە يىغىنلارنى ئېچىشنى تەشەببۇس قىلىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ھەمكارلىقىدا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىغا ئەھمىيەت بېرىشكە تۈرتكە بولدى.

  بۇ قېتىم جۇڭگونىڭ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتى نەتىجىلىرى ۋە رولىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى دېيىشكە بولىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇمۇ بىر خىل سىگنال بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە جۇڭگونىڭ رولىنى تېخىمۇ كۆپرەك كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ھازىر «كىشىلىك ھوقۇق قىيىنچىلىقى» ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە، يەرشارىدا 800 مىليون ئادەم ھەركۈنى ئاچارچىلىق تەھدىتىگە ئۇچرىماقتا، سۇرىيە، ئافغانىستان قاتارلىق ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى بولۇۋاتقان جايلاردىكى خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش تەسلەشمەكتە، مۇساپىرلار كىرىزىسى، تېررورلۇق، چەتكە قېقىش خاھىشى، ئىرقچىلىق، ساقچىلارنىڭ قانۇننى زىيادە ئىجرا قىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر پات-پات كۆرۈلۈپ تۇرماقتا. كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغىنى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە قارشىلىشىش كەيپىياتى ئاز تولا كۈچىيىپ قالدى، دۆلەتلەر لايىھەسى پەيدا بولۇپ قالدى، ئاشكارا ئەيىبلەش ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى. نۇرغۇن ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى دەسلەپ قۇرۇلغان چاغدىكى نىشان بىزدىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتامدۇق-قانداق، دەپ سوئال قويۇشقا باشلىدى.

  جۇڭگونىڭ ئۇدا سايلانغانلىقى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى ئوڭشاش ئىشلىرىدا بىر تاللاشنى كۆپەيتتى، كىشىلەر كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە جۇڭگونىڭ رولىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىنى ئۈمىد قىلماقتا. جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلىيىتى باشقىلارغا قانداق يولدا مېڭىشىنى ئۆگىتىش ئەمەس بەلكى دۇنيادا ھەممە يەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق قېلىپىنىڭ يوقلىقىغا قەتئىي ئىشىنىش. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ئالماشتۇرۇشىنى بۇرۇنقىدەكلا قانات يايدۇرۇپ، ھەمكارلىق مەزمۇنلىرىنى بېيىتىپ، پۇقرالارنىڭ سىياسىي ھوقۇقى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ھوقۇقىنى تەڭپۇڭ ئالغا سىلجىتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر