باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك ئۇچۇر مەركىزى "بىر بەلباغ، بىر يول چوڭ سانلىق مەلۇماتى دوكلاتى"نى ئېلان قىلدى

2016.10.31 16:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئۇچۇر مەركىزى 28-ئۆكتەبىر تۇنجى "بىر بەلباغ، بىر يول چوڭ سانلىق مەلۇماتى دوكلاتى"نى ئېلان قىلدى. دوكلاتتىكى نەتىجىگە قارىغاندا، جۇڭگونىڭ بىر بەلباغ، بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سىياسەت جەھەتتىكى ئالاقىسىنىڭ ئۈنۈمى ئومۇمىي جەھەتتىن بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆز ئارا ئىشىنىشى كۆرۈنەرلىك كۈچەيگەن. خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش دەرىجىسىگە يەتكەن. ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش سەۋىيەسىدە رايون ئالاھىدىلىكى كۆرۈنەرلىك بولغان. تايلاند، سىنگاپور، مالايشىيانىڭ جۇڭگو ئاۋىياتسىيەسى بىلەن بولغان تۇتاشتۇرۇلۇشى ئەڭ ياخشى بولغان. رۇسىيە، قازاقىستان، موڭغۇلىيە، بېرمىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئېنېرگىيە جەھەتتىكى تۇتاشتۇرۇلۇشى ئەڭ ياخشى بولغان. پاكىستان، لائوس، رۇسىيە، قازاقىستان، موڭغۇلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان چېگرا ھالقىغان خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرىنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى ئەڭ ياخشى بولغان. سودا ۋە مەبلەغ سېلىش جەھەتلەردە، جۇڭگونىڭ چەتئەللەرگە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى بىر قەدەر ئوڭۇشلۇق بولغان، دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق تۈرلىرى ۋە قۇرۇلۇشلارنىڭ كېڭىيىش ۋەزىيىتى ياخشى بولۇپ، جۇڭگو رۇسىيە، موڭغۇلىيە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىسى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولغان. دوكلاتتا يەنە جۇڭگونىڭ خەلقئارا ھەمكارلىقتا داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تېگىشلىك تەرەپلىرى كۆرسىتىلگەن. نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىر ئاز ئاستىلىدى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سەۋىيەسى جەھەتتە دۆلەتلەر ئارا كۆرۈنەرلىك پەرق بار، پەقەت شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان پۇل مۇئامىلە جەھەتتىكى قۇرۇلۇشى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، باشقا رايونلارنىڭكىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر