باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلاردىكى كادىرلار ۋە ئامما پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى ھەققىدە قىزغىن مۇھاكىمە يۈرگۈزدى

2016.10.31 16:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەر قايسى رايونلار، تارماقلار، ئورۇنلار پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەنمەكتە ۋە ئىزچىللاشتۇرماقتا، ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىدا ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلمەكتە. پارتىيەلىك كادىرلار بەس-بەستە مۇنداق دېيىشتى: 6-ئومۇمىي يىغىندا نەتىجە ھاسىل قىلىنىشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي ئېغىشماي ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق ساداسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى.

  خۇبېي ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چېن خۇڭبو مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى غايەت زور سىياسىي جاسارەت بىلەن، پاراخورلۇق، چىرىكلىكنى قاتتىق تىزگىنلەپ، يامانغا زەربە بېرىپ، ياخشىغا مەدەت بەردى، پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشتا زور ۋە ئىجابي ئۆزگىرىلەشنى ھاسىل قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتتى. شىمالىي ئۇرۇش رايونىنىڭ مۇئاۋىن ئىشتاب باشلىقى ئەن ۋېيپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 6-ئومۇمىي يىغىندا «مىزان» تۈزۈلدى، «نىزام»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، بۇ پارتىيەنىڭ نازارەت قىلىش ھوقۇقىنىڭ تۈزۈم قەپىزىنى يۇقۇرى قاتلاملىق لايىھە ئارقىلىق تېخىمۇ چىڭىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە چۇقۇم تۈرتكە بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  يۈننەن ئۆلكىسى سۇڭمىڭ ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يۈپىڭ: «مىزان» ۋە «نىزام» نىڭ قاراپ چىقىلىپ ماقۇللىنىشى ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تېخىمۇ چىڭىتىلىشىغا پايدىلىق، دەپ قارىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 6-ئومۇمىي يىغىن دەۋىر ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن، بۇ يىغىن پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ تومۇرىنى ئىگىلەپ، ئىقتىساد ۋە خەلق تۇرمۇشىغا يول باشلاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتىنى مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك ھەرىكەت ئۆلچىمىگە ئىگە قىلدى.

  نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى يۇڭنىڭ ناھىيەلىك دۆلەت باج ئىشلىرى ئىدارىسى باج تاپشۇرۇش مۇلازىمەت زالىنىڭ خىزمەتچىسى گۇڭ خەيبو مۇنداق دېدى: بىزدەك ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا نىسبتەن، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ئىدىيەمىزنى پاكلاندۇرۇش ھېسابلىنىدۇ. ئاۋامغا يۈز تۇرا مۇلازىمەت قىلىدىغان پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى مەركەزنىڭ تەلىپى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق جاۋاپ قايتۇرىمەن.

  شىزاڭ ئاپتونوم رايونى جىلۇڭ چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى 6-ئومۇمىي يىغىننىڭ ئاخباراتىنى ئۆگىنىشكە تېزدىن تەشكىللىدى. سىياسىي كومىسسار گاما دەنزېڭ مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈش پونكىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىنى چىڭىتىش جەھەتتە باشلامچى بولۇپ، پارتىيەنىڭ قائىدىسى، ئىنتىزامىنى قەتئىي قوغدىغۇچى ۋە ئىجرا قىلغۇچى بولۇپ، جەڭگىۋارلىقنى ئاشۇرۇشقا سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىمەن.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى باياننۇر شەھىرى ئۇرات ئارقا خوشۇنى كۆكئۇندۇر بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى سېرىن چىچەك مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا چۇقۇم پائال ئاۋاز قوشۇپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، دېھقان-چارۋىچىلار ئۈچۈن جان دىلىم بىلەن ئەمەلىي، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، پارتىيە، خەلققە مۇناسىپ لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولىمەن.

  ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ئامما بىردەك مۇنداق دېيىشتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ قۇرۇلۇشتا جەزمەن داۋاملىق يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر