باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سۈن جىنلۇڭ بىڭتۈەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى:

تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇش كېرەك

2016.10.31 13:24         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يولداش سۈن جىنلۇڭ 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە بىڭتۈەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدە ۋەكىللەر بىلەن بىللە دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى. سۈن جىنلۇڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دوكلاتتا شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىغا زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، خىزمەتلەر سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە خۇلاسىلەنگەن ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، دوكلاتنىڭ ئىستراتېگىيەلىكى، ئىدىيەۋىلىكى، ئالدىن كۆرەرلىكى ۋە يېتەكلەشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە، شىنجاڭنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا تامامەن ئۇيغۇن، بۇ دوكلات چوقۇم يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچكە، ھەر مىللەت ئاممىنى باش نىشاننى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى كۈچەپ قولغا كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەتكە ئايلىنىدۇ.

  سۈن جىنلۇڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دوكلاتتا «تۆت ئاڭ»، بولۇپمۇ يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭى باشتىن - ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇلغان ۋە كۈچەيتىلگەن، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى قەتئىي قوغدالغان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يۈكسەك سىياسىي قەتئىيلىكى ۋە سىياسىي سەزگۈرلۈكى نامايان قىلىنغان؛ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىغا زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى كۆرسەتمە تەلىپى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇلغان، «بىر باش نىشان»نى پۇختا تۇرغۇزۇش، «بىر جان تومۇر»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، «ئىككى مۇھىم نۇقتا»نى ئىگىلەش، «بىر مېخانىزم»نى مۇكەممەللەشتۈرۈش، «تۆتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش»، «بىر ياخشى ۋەزىيەت»نى يارىتىش تەكىتلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانى توغرىسىدىكى چوڭقۇر تەپەككۇرى ۋە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مەسئۇلىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى قىلىنىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش مىزامى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامىنىڭ روھى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، ئۇ چوقۇم شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى مۇستەھكەم سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

  سۈن جىنلۇڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دوكلاتتا بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىدا بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇش مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك خىزمەت تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىڭتۈەن خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە ئۇنى قوللايدىغانلىقى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، بۇ، بىڭتۈەندىكى كادىرلار، ئاممىغا زور ئىلھامبەخش ئەتتى، بىڭتۈەننىڭ «ئۈچ چوڭ فۇنكسىيە»سىنى ياخشى ئادا قىلىشى، «تۆت چوڭ رول»ىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى، «بەش چوڭ ۋەزىپە»سىنى ياخشى ئورۇندىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ. بىز بىڭتۈەن خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر