باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى››

2016.10.31 14:47         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى، دېدى قۇرۇلتاي ۋەكىلى، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ يېزىسى داشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ساۋۇر مەڭلىك 10 – ئاينىڭ 30 – كۈنىدىكى گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە، قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئۆزئارا تۇغقان بولۇشى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپتۇ. داشى كەنتىمىزدە مىللەتلەر ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتكەچكە، ‹‹شەرقتە خۇاشى كەنتى بولسا، غەربتە داشى كەنتى بار›› بولۇشتەك ياخشى ۋەزىيەت يارىتىلىپ، ھەممەيلەن تەرەققىياتنىڭ، يۈكسىلىشنىڭ راھىتىنى سۈرۈۋاتىمىز.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى، داشى كەنتىنىڭ ئەمەلىيىتى بۇ ھەقىقەتنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. ساۋۇر مەڭلىك بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ‹‹دوكلات››تا مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى باشتىن – ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدا سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. داشى كەنتىدىكى ھەر مىللەت ئامما تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئىتتىپاقلىق گۈللىرىنى پورەكلەپ ئېچىلدۇردى. كەنتىمىز 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىن ئىلگىرى ئىگىلىكى تەرەققىي قىلمىغان، دېھقانلىرى كەمبەغەل كەنت ئىدى. بىز تەرەققىيات ئۈچۈن ئىزدەنگەن دەسلەپكى مەزگىللەردىلا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قوشماق، تۇغقان بولۇشىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق ۋە كونكرېت پىلان تۈزۈپ، ئىجرا قىلدۇق. بىللە ئىشلەش، بىللە ئىزدىنىش، ئۆز ئارا ياردەم بېرىش، ئۆز ئارا ئۆگىنىش مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىش ۋە ئىشەنچنى چوڭقۇرلاشتۇردى. باردى – كەلدىنىڭ قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەر مىللەت ئامما بېيىش ئۈچۈن بىرلىكتە ئىزدىنىدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

  بىز ئىشنى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ يېتەكچىلىك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتىن باشلىدۇق، دېدى ساۋۇر مەڭلىك، ھەر مىللەت كادىرلىرىدىن تەشكىللەنگەن پارتىيە ياچېيكىسى كادىرلار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، خىزمەتلەردە باش بولۇش، ئىز باسار تەربىيەلەش، تۈر كىرگۈزۈش قاتارلىق مەزمۇنلاردا تەرەققىيات پىلانى تۈزۈپ، ھەر مىللەت دېھقانلارنى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارنى بېيىشقا يېتەكلىدۇق. دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا قارىتىلغان ئېتىبار سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، ھەر مىللەت ئامما ئورتاق بېيىپ، تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندى.

  ساۋۇر مەڭلىكنىڭ ئېيتىشىچە، تۇغقان بولۇش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىرلىكتە بېيىشىدا تۈرتكىلىك رول ئويناپتۇ. كەنتتىكى خەنزۇ دېھقانلار تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تېخنىكىسىغا پىششىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا يېقىندىن ھەمدەم بوپتۇ، ئۇيغۇر دېھقانلار خەنزۇ دېھقانلارنىڭ ئۆي، قوتان سېلىشى، دېھقانچىلىق جابدۇقلىرىنى ياساش، ئىشلىتىشىگە يېقىندىن ياردەم قىپتۇ. ئۇيغۇر، خەنزۇ دېھقانلار قىيىنچىلىق بولسا ئۆز ئارا ياردەم قىلىدىغان، قىيىن مەسىلىگە يولۇققاندا تەڭ باش قاتۇرۇپ ھەل قىلىدىغان بوپتۇ. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە داشى كەنتىدە زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەپتۇ.

  كەنتىمىزدە ئۇن زاۋۇتى، پارنىك، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرى، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى، خۇمدان قاتارلىقلار ئارقا – ئارقىدىن قۇرۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ قولى پۇل كۆرۈشكە، كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكى زورىيىشقا باشلىدى. كەنتىمىزنىڭ 2015 – يىلىدىكى كىشى بېشى ساپ كىرىمى 27 مىڭ 500 يۈەنگە يەتتى. بۇنىڭ ھەممىسى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە تىرىشقانلىقىنىڭ، ھەمكارلاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ‹‹پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار ئۈلگىلىك رول ئوينىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك›› دېيىلىپتۇ. ياچېيكىمىزدىكى كادىرلار، كەنتىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى ياشلارغا بۇ جەھەتتە ئۈلگە بولۇشنى باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىمىز، دەپ قارايدۇ. قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك، ھەر مىللەت ئامما باردى – كەلدى قىلىپ، ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆز ئارا يول قويۇپ، ئۆزئارا ياقتۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتسە، ئاندىن تەرەققىيات ئۈچۈن يول ئاچقىلى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر