باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 2-يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2016.10.31 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىغىندا ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتىنىڭ تەييارلىق نامزات ئىسىملىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە سۇنۇلۇپ، ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى؛ قۇرۇلتاينىڭ سايلام چارىسى (لايىھەسى)غا قاراپ چىقىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 2-يىغىنى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلدى. چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ما شۆجۈن ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتىنىڭ تەييارلىق نامزات ئىسىملىكى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

  يىغىندا ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتىنىڭ تەييارلىق نامزات ئىسىملىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە سۇنۇلۇپ، ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى پېڭ جيارۈي ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.

  يىغىندا قۇرۇلتاينىڭ سايلام چارىسى (لايىھەسى)غا قاراپ چىقىلىپ، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ مۇزاكىرىسىگە سۇنۇش قارار قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر