باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىككى ئورمان باغچىسى ‹‹جۇڭگو ئورماندا كۈتۈنۈش، ئورماندىن ھۇزۇرلىنىش بازىسى›› قاتارىغا كىردى

2016.10.31 14:48         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىر شى لېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 2016 – يىللىق جۇڭگو ئورمان ساياھەت بايرىمى ۋە چاڭبەيشەن تېغى خەلقئارالىق ئېكولوگىيە مۇنبىرىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شىخو ‹‹فوشەن›› دۆلەتلىك ئورمان باغچىسى ۋە ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ دۆلەتلىك ئورمان باغچىسىغا ‹‹جۇڭگو ئورماندا كۈتۈنۈش بازىسى››، ‹‹جۇڭگو ئورماندىن ھۇزۇرلىنىش بازىسى›› دەپ نام بېرىلگەن. بۇ قېتىم مەملىكەت بويىچە 14 باغچىغا بۇ نام بېرىلگەن.

  ‹‹فوشەن›› دۆلەتلىك ئورمان باغچىسى دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ، شىخو شەھىرىگە 50 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ، دەپسەڭ ۋە بايانغولدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مەنزىرە رايونى ۋە تۆت كىچىك مەنزىرە رايونىدىن تەشكىل تاپقان. ساياھەت تۈرلىرىدىن سالقىنداش، ئورمانلىقتا كۈتۈنۈش، دەم ئېلىش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى، ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلەر جەم بولۇش، يىغىن ئېچىش، دالىدا پىيادە مېڭىش ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئىزدەش قاتارلىقلار بار بولۇپ، 3000 كىشى بىرلا ۋاقىتتا غىزالىنالايدۇ.

  ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ دۆلەتلىك ئورمان باغچىسىنىڭ پىلاندىكى يەر كۆلىمى 21 مىڭ گېكتاردىن ئارتۇق بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شەھەرگە ئەڭ يېقىن ئورمانلىق ھېسابلىنىدۇ، ئايىۋ ساي، گەنگۇ ۋە چوڭ تاش جىلغىسى مەنزىرە رايونىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

  شىخو ‹‹فوشەن›› دۆلەتلىك ئورمان باغچىسى بىلەن ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ دۆلەتلىك ئورمان باغچىسى شىنجاڭ تەڭرىتاغ شەرقى قىسىم دۆلەت ئورمىنىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە تەۋە بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ئىدارە دۆلەت ئورمىنى رايونى تەبىئىي مەنزىرگاھى، ئورمان مۇھىتى، مىللىي ئۆرپ – ئادەت ۋە ئارام ئېلىش، كۈتۈنۈش قاتارلىق بايلىقلارنى تولۇق قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، شىخو ‹‹فوشەن›› دۆلەت ئورمان باغچىسى قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان باغچىسىدىن ئالتىنى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورمان باغچىسىدىن بەشنى، بىر تۈركۈم ئالىي دەرىجىلىك ساياھەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ ۋە ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، ئورمان ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساس سالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر