باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاق كۆڭۈل جاڭ ۋەنلوڭ ساۋەن ناھىيەسى قورقىس بازىرى سەنداۋۋەن كەنتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىناقلىقىنىڭ ئۈلگىسى

2016.10.31 16:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ساۋەن ناھىيەسى قۇرقىس بازىرى سەنداۋۋەن كەنتىدىكى خەنزۇ كەنت ئاھالىسى جاڭ ۋەنلوڭنىڭ قۇسەيىن داغاي ئىسىملىك بىر قازاق تۇغقىنى بار. كۆپ يىلدىن بۇيان، ئىككى ئائىلە بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ بېيىغانلىقى كەنتتە تىللاردا داستان بولماقتا. 1996-يىلى جاڭ ۋەنلوڭنىڭ بالىسى شۇ كەنتنىڭ قازاق ئاھالىسى قۇسەيىن داغاينى تۇتۇق ئاتا قىلدى، شۇنىڭدىن كېيىنكى 20 يىلدا، ئىككى ئائىلە ئۇرۇق تۇغقاندەك ئۆتتى. جاڭ ۋەنلوڭ مۇنداق دېدى: يىگىرمە يىلدىن بۇيان، بىز ھېيت-بايراملاردا بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆز-ئارا يوقلاشتۇق. ئۇلارنىڭ قانداق قىيىنچىلىقى بولسا ماڭا دەيدۇ، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ قېرىندىشىمگە ئوخشاش ئۇلارغا ياردەم بەردىم.

  قۇسەيىن داغاي يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ئانچە ئۇستا ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلىرى كۆپ، ئىقتىسادى جەھەتتىمۇ ئانچە كەڭ تاشا ئەمەس ئىدى. 2009-يىلى ياققان قاتتىق يامغۇردا كونىراپ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن ئۆيىمۇ ئۆرۈلۈپ چۈشتى. قىيىنچىلىق ئالدىدا جاڭ ۋەنلوڭ قۇسەيىن داغايغا ياردەم قولىنى سۇندى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆي سېلىشىغا ياردەم بەردى. كۆپ يىل ئارىلىشىش داۋامىدا، ئىككى ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى، جاڭ ۋەنلوڭنىڭ ئىشى تۈگىمىسە، قۇسەيىن داغاي ھېچنېمە دېمەستىن بېرىپ ياردەم بېرەتتى. قۇسەيىن داغاي ھەر قېتىم قۇربان ھېيت، روزا ھېيتتا جاڭ ۋەنلوڭنى ئۆيىگە مېھمانغا چاقىراتتى. ئاق كۆڭۈل جاڭ ۋەنلوڭ ساۋەن ناھىيەسى قورقىس بازىرى سەنداۋۋەن كەنتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىناقلىقىنىڭ ئۈلگىسى. ئۇنىڭ تەسىرلىك ھېكايىسى كەنتتىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى تەسىرلەندۈردى، ھەر مىللەت ئاممىسىمۇ ئۇنىڭدىن پائال ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەمدە بولدى. بۈگۈنكى كۈندە سەنداۋۋەن كەنتى ئاپتونوم رايون بويىچە مەنىۋى مەدەنىي كەنت، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار ئورۇن، ساۋەن ناھىيەسىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى كەنت دېگەندەك شەرەپلەرگە ئېرىشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر