باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹قوش تىل››لىق بولۇش–ئاۋامنىڭ ئارزۇسى، دەۋرنىڭ تەقەززاسى

ۋەكىللەر 14يىللىق ھەقسىز مائارىپ ئۈستىدە توختالدى

2016.10.31 14:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيى 10 – ئاينىڭ 29 – كۈنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق باشلاندى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر جاي، ھەر ساھەلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ يولداش چېن چۈەنگونىڭ ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلدى. ۋەكىللەر مۇزاكىرە جەريانىدا ‹‹دوكلات››تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆتكەن بەش يىللىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا دائىر نەتىجىلەردىن ناھايىتى ھاياجانلاندى، كەلگۈسى بەش يىللىق پىلان، تەدبىرلەردىن كۈچلۈك ئىشەنچكە تولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدا 14 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، 2020 – يىلىغا بارغاندا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىگىلىشى ۋە ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدىكى مەزمۇنلار ۋەكىللەر ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن ۋەكىللەرنىڭ بۇنىڭغا ئىنكاسى كۈچلۈك بولدى.

  ۋەكىل، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى بۇخەلچەم توختى مۇنداق دېدى: ‹‹دوكلات››تا باش نىشاننى چۆرىدىگەن ھالدا خىزمەت تەلەپلىرى، كەلگۈسى كۈرەش نىشانى، خىزمەت ئۇسۇلى، بېسىپ ئۆتىدىغان جەريان توغرىسىدا ئېنىق كۆرسەتمە بېرىلىپتۇ. بۇ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ ئاممىنى يېتەكلەپ، داۋاملىق ئالغا قاراپ دادىل قەدەم تاشلىشىمىزغا كۈچلۈك مەدەت بولىدۇ. مائارىپچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ‹‹دوكلات››تىكى مائارىپ خىزمىتىگە قويۇلغان تەلەپلەرنى ئاڭلاپ، خىزمەت ئورنۇمغا قايتقاندىن كېيىن دۆلەتنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ئاتا – ئانىلارغا، ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ كەڭ تەشۋىق قىلىش؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق – تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئاكتىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قارىشى تۇرغۇزۇش؛ ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوقۇش – ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتلەردە تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ‹‹دوكلات››تىكى جەنۇبىي شىنجاڭدا 14 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مەزمۇن مېنى بەكلا ھاياجانغا سالدى. دەرۋەقە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا – قىشلاقلىرىدىكى مەكتەپلەردە داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇيالمايدىغان ياكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمكانىيىتى يوق پەرزەنتلەرگە نىسبەتەن بۇ چوڭ خۇش خەۋەر. مەكتىپىمىزنى ئېلىپ ئېيتساق، مەكتىپىمىزدە 900 دىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى بار. بەش يىلدىن بۇيان، شارائىتىمىز زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ياخشىلىنىپ، ئوقۇتقۇچىلىرىمىز يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئوقۇتۇش بايلىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولالايدىغان، ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ماس قەدەمدە ئۆستۈرۈپ ماڭالايدىغان بولدى. بۇنىڭغا يارىشا، مەكتىپىمىز ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت بويىچە نۇرغۇن شان – شەرەپلەرگە ئېرىشتى. ئوقۇتقۇچىلار ساپاسىنىڭ ئۆسۈشى، ئوقۇتۇش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ كۈچلۈك قوللىشى ئارقىسىدا، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار دۆلەت تىلىدىمۇ بىمالال ئالاقە قىلالايدىغان شارائىت پەيدىنپەي ھازىرلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن بىزمۇ، ئاتا – ئانىلارمۇ خۇشال.

  خوتەن ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر 10 – ئاينىڭ 30 –كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ‹‹دوكلات››نى مۇزاكىرە قىلغاندا، ۋەكىل، خوتەن ۋىلايەتلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى گۈلمىرە ئوسمان كۆز قارىشىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: خوتەن ۋىلايىتىدە، جۈملىدىن مەكتىپىمىزدە ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى ناھايىتى كەمچىل. مۇشۇنداق بولغاچقا، ئىلگىرى ئوقۇتقۇچىلار ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق ‹‹قوش تىل›› سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ كەلگەن. مەن مۇزاكىرە جەريانىدا شىمالىي شىنجاڭدىكى ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپىغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلىدىغانلىقى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شىمالىي شىنجاڭدىكى مەكتەپلەرگە ‹‹قوش تىل›› ئۆگىنىش، ۋەزىپە ئۆتەش ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا، تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى ھاياجانلاندىم. بىز بۇنىڭدىن كېيىن مەكتىپىمىزدە ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئارىلاش ئوقۇتماقچى. بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن، ئىككى مىللەت بالىلىرى ئارىسىدا قويۇق دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، يەنە بىر تەرەپتىن، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ‹‹قوش تىل›› ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىمىز.

  ۋەكىل، ئاۋات ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئايجامال ئەمەت مۇنداق دېدى: ‹‹دوكلات››تىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چەت، ياقا رايونلاردا ھەقسىز يەسلى مائارىپى بىلەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم. بۇ ھەم دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئارزۇسى، ھەم دەۋرنىڭ تەقەززاسى. 14 يىللىق ھەقسىز مائارىپنىڭ ئومۇملىشىشى، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىشى بالىلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىلگىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى باشتىن ئۆتكۈزمىگەن بىر قىسىم ئاتا – ئانىلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى سەۋەبىدىن، بالىلارنى تەربىيەلەش، ئائىلىگە مەسئۇل بولۇش تۇيغۇسى ئاجىز بولغاچقا، بۇنداق ئائىلە مۇھىتىدا چوڭ بولغان بەزى بالىلار ئەخلاق، پىسخىكا، دۇنيا قاراش جەھەتتە ياخشى تەربىيەگە ئېرىشەلمەي قالاتتى. بۇ بىر تەرەپتىن، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزسە، يەنە بىر تەرەپتىن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەتكە چىققاندا ئاق – قارىنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغان، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت ئىدى. شۇڭا، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈشتە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش، جۈملىدىن 14 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستىقباللىق ئىز باسارلارنى تەربىيەلەپ چىقىشنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. يېقىندا ناھىيەمىزدە كەنت يەسلىلىرىنىڭ ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىغا ياردەم بېرىشكە ‹‹قوش تىل››غا پىششىق 30 كادىر ئاجرىتىلىپ، 15 كۈن تەربىيەلەندى، ئۇلار پات ئارىدا ئىش ئورنىغا بېرىپ بولىدۇ. دېمەك، ‹‹دوكلات››تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇشۇنداق ياخشى سىياسەت، كۈچلۈك قوللاش ۋە ئاقىلانە تەدبىرگە نىسبەتەن بىز پەقەت خىزمىتىمىزنى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئوقۇتۇش خىزمىتىگە كىرىشسەك، كەلگۈسى تەرەققىياتىمىزنىڭ چوقۇم ياخشى بولىدىغانلىقىغا، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىنىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر