باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇ خەيلۈن خوتەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى:

ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ،تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2016.10.31 13:21         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يولداش جۇ خەيلۈن 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە خوتەن ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا: ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

  جۇ خەيلۈن مۇنداق كۆرسەتتى: دوكلاتنىڭ ئاساسىي تېمىسى روشەن، ئاساسىي لىنىيەسى گەۋدىلىك، خۇلاسىسى ئوبيېكتىپ، تەھلىلى چوڭقۇر، تەپەككۇرى روشەن، نىشانى ئېنىق، تەدبىرى، ئىدىيەۋىلىكى، يېتەكلەشچانلىقى ۋە مەشغۇلاتچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، دوكلاتتا بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان بېكىتىلدى، دوكلات كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، روھلاندۇرىدۇ. ئۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى باش نىشانىغا يېتىشكە سەپەرۋەر قىلىدىغان دوكلات، «تۆتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش»نى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان ھەرىكەت پىروگراممىسى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار ئىدىيەۋى تونۇشىنى دوكلاتنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  جۇ خەيلۈن مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مۇشۇ بىرنەچچە يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ ئاساسى؛ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مۇقىملىقنى ئويلاش، ئىناقلىققا تەلپۈنۈش، تەرەققىياتقا ئىنتىلىش، ھاللىق جەمئىيەتكە يۈرۈش قىلىشتەك كۈچلۈك تىلىكى؛ يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيانقى قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنىڭ پايدىلىق پۇرسىتى؛ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتى قاتارلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەشكە دائىر بىرقاتار تەدبىر؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار، قوراللىق ساقچى قىسىم، بىڭتۈەندەك مۇستەھكەم ئارقا تىرەك؛ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بولغاچقا، بىز چوقۇم شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ياخشى ساقلىيالايمىز. باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى ئورنىتىشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس كۈرىشىنى ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كىشىلەر توپلىشىدىغان سورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىك، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»، خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتى قاتارلىق ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، چېگرادا مۇداپىئە كۆرۈش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېز سۈرئەتلىك مۇقىملىقنى ساقلاشقا قوماندانلىق قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  جۇ خەيلۈن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ھازىرقى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى ئارتۇقچىلىق، سىياسەت جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقنى ئەستايىدىل ياخشى پىلانلاپ، يۇقىرى قاتلامدىن ياخشى لايىھەلەپ، ياخشى پايدىلىنىپ، كۆڭۈلنى تىندۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، زېھنىي كۈچنى يىغىپ، پۇختا خىزمەت ئىستىلى بىلەن بىر - بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەم تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاش جېڭىنى ياخشى قىلىشىمىز، ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر