باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي ياۋروپادا ئەسكەر توپلاشتىكى مەقسىتى نېمە؟

2016.10.31 16:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەگە يېقىن شەرقىي ياۋروپا رايونىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ كۆلەمدە ئەسكەر توپلاۋاتىدۇ. يېقىندا ئېچىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا كۆپ سانلىق ئەزا دۆلەتلەر ئەسكەر چىقىرىپ، كېلەر يىلى 1-ئايدىن باشلاپ بالتىق دېڭىزىدىكى ئۈچ دۆلەت ۋە پولشادا ئەسكەر تۇرغۇزۇشقا ۋەدە بەردى.

  بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيە بىلەن تۇتۇشۇپ قېلىشى، ھەتتا توقۇنۇش يۈز بېرىشى مۇمكىن دېگەندەك قىياسلار تارقىلىشقا باشلىدى. ئەمما ھەممىنى يىغىپ تەھلىل قىلساق، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي ياۋروپادا ئەسكەر توپلاش قارارىنىڭ مەقسىتى ھۇجۇم قىلىش بولماستىن بەلكى رۇسىيەگە سۈر پەيدا قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىككىلا تەرەپ تالاپەتكە ئۇچرايدىغان تىغمۇ-تىغ ئۇرۇش قوزغاش ئەمەس، بەلكى قان تۆكۈلمەيدىغان ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇش قانات يايدۇرۇشنى تېخىمۇ ئويلايدۇ.

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيەگە قاراتقان ئىستراتېگىيەسىنى تەڭشەپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ يىل 7-ئايدا ۋارشاۋا باشلىقلار يىغىنىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رەھبەرلىرى ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپادىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى زورايتىش، جۈملىدىن بالتىق دېڭىزىدىكى ئۈچ دۆلەت ۋە پولشادا تۆت باتالىيون كۆپ دۆلەت قىسمى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلغان ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەنگلىيە، كانادا، گېرمانىيە ۋە ئامېرىكا بۇ تۆت باتالىيونغا مىڭدىن كوماندىر-جەڭچى ئەۋەتىدۇ. بۇ قېتىمقى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئەسكەر كۆپەيتىش پىلانىنى كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈش بولدى. ئالدىنقى سەپتە تۆت مىڭ ئەسكەر كۆپەيتىش شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەڭشىشىدىكى بىر قەدەم، ئۇنىڭ ئارقىسىدا قوماندانلىق ۋە ئۇرۇش قىلىش سىستېمىسىنى تېخىمۇ چوڭ كۆلەملىك ئىسلاھ قىلىش ۋە تەڭشەش بار، ئۇنىڭ تۈپ مەقسىتى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپانىڭ شەرقىي سېپىدىكى ھەربىي ئىنكاس ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۇرۇش قىلىش پىلانىغا ئاساسەن، شەرقىي سەپتە بىر ئىش بولغان ھامان، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تېزدىن ئىنكاس قايتۇرۇپ، تېزدىن ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇرۇش قىلىشقا ماسلىشىپ قوماندانلىق قىلىپ، ئارقا سەپ تەمىناتىنى ۋاقتىدا يەتكۈزەلەيدۇ.

  تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: ئىستراتېگىيە جەھەتتىن قارىغاندا، شەرقىي ياۋروپاغا ئەسكەر كۆپەيتىشمۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى بىر قېتىم چوڭ تەڭشىشى. 2013-يىلى يۈز بەرگەن ئۇكرائىنا كىرىزىسى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەڭشىشىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى. بۇ كىرىزىس ئافغانىستان ئۇرۇشىدىن ئەمدىلا قۇتۇلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى ئەنئەنىۋى «كوللېكتىپ قوغدىنىش»قا قايتۇرۇپ كەلدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىكى ئۇسۇلىنى يەنە قوللىنىپ قالسا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي قىسىمدىكى ئەزا دۆلەتلىرىنىڭ خەتەردىن ساقلىنالماي قېلىشى، ئەڭ ئالدىنقى سەپتىكى بالتىق دېڭىزىدىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەممىدىن بالدۇر زەربىگە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. يېقىندا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەمەلىي ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋە سىناش ئۈچۈن، پولشا ۋە بالتىق دېڭىزى رايونىدا قاراتمىلىقى كۈچلۈك نەچچە مەيدان ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى، بۇنىڭ سەۋەبىمۇ ئوخشاشلا.

  سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاياغلاشقان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئېلىشىش ھەقىقىي تۈگىگىنى يوق. ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئېلىشىشى ۋە قارشىلىشىشى داۋاملىق كۈچىيىپ، جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان، مۇداپىئەسى كۈچلۈك تىركىشىش سىزىقى ياۋروپانىڭ شەرقىدە ئاستا-ئاستا پەيدا بولۇپ شەكىللەنمەكتە ۋە مۇقىملاشماقتا. تىركىشىش سىزىقىنىڭ غەربى قەدەممۇ-قەدەم شەرققە كېڭىيىۋاتقان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى گۇرۇھى، شەرقىي جان-جەھلى بىلەن قوغدىنىۋاتقان رۇسىيە. نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭ بىلەن ياۋروپانىڭ «يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەكتە. ئەمەلىيەتتە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىم شەرقىي سەپكە ئەسكەر ئەۋەتىشتىكى مەقسىتى رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا ۋە بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىگە تەسەللى بېرىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە رۇسىيەگە سۈر پەيدا قىلىش.

  بىرىنچىدىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەسكەر كۆپەيتىشنى قارار قىلغان بولسىمۇ، رۇسىيەنىڭ بۇ رايوندىكى ئەسكىرى كۈچى يەنىلا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭكىدىن كۈچلۈك. بىرقانچە ئاي بۇرۇن، رۇسىيە غەربىي ھەربىي رايونىدا ئۈچ بىرىگادا ئەسكەر كۆپەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئىككىنچىدىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە، رۇسىيەنىڭ چوڭ كۆلەملىك ھۇجۇم ئەمەس بەلكى بۇرۇن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي ۋە قىرىمدا قوللانغان ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلىنى تەكرارلاش ئېھتىماللىقى بەك چوڭ، شۇڭا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قاراتمىلىق مۇداپىئە ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتسىلا بولىدۇ. ئۈچىنچىدىن، مەيلى ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرى ياكى رۇسىيە بولسۇن، ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، ئىقتىساد قاتارلىق ئامىللىرى سەۋەبىدىن، قارشى تەرەپ بىلەن سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى ساقلاپ قېلىشقا ئېھتىياجلىق. تۆتىنچىدىن، رۇسىيە يادرو تەھدىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، بۇمۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە ھەربىي توقۇنۇش يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ.

  سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا داۋالغۇپ كېلىۋاتقان مۇناسىۋەتنى ئەسلىسەك، ئىككى تەرەپنىڭ قۇرۇلمىلىق زىددىيىتىنى تۈگىتىشىنىڭ تەسكە توختايدىغانلىقى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى كۆپ يىللاردىن بۇيان يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان «رۇسىيەنى توسۇش»، «رۇسىيەنى ئاجىزلاشتۇرۇش» ئىستراتېگىيەسىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى بايقايمىز. ياۋروپادىكى ئېلىشىشتا، رۇسىيە كۆپ قېتىم تىنچ يارىشىش سىگنالى چىقارغان بولسىمۇ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۇنى ئىستراتېگىيەلىك رەقىبى دەپ قاراپ، ئۈزلۈكسىز توسقۇنلۇق قىلىپ كەلدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش ياكى بىۋاسىتە توقۇنۇش قوزغاشنى خالىمىسىمۇ، رۇسىيەنى ئاجىزلاشتۇرۇش، رۇسىيەنىڭ جۇغراپىيەلىك ئىستراتېگىيە بوشلۇقىنى يۇتۇۋېلىشتەك ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەسىدىن ئېنىقلا ۋاز كەچمەيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر