باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا ئائىت بىر قانچە مىزاننى تۈزۈش، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدا پىكىر ئېلىندى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى

2016.10.31 13:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى جۇڭنەنخەيدىكى خۇەيرېنتاڭ زالىدا پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا ئائىت بىر قانچە مىزاننى تۈزۈش، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن ئېشياڭ، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جاڭ باۋۋېن، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن چاڭجى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى يەن جۈنچى، جۇڭگو دېھقان-ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن جۇ، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن گاڭ، «3-سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خەن چىدې، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونوم ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى لىن ۋېنيى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ۋاڭ چىنمىن، پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ۋەكىلى گو لېي سۆھبەت يىغىنىدا ئىلگىرى-كېيىن پىكىر بايان قىلدى.

  كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىغا كىرگۈزۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشتىكى ئۇللۇق، ئاچقۇچلۇق، مۇھىم مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي سەگەكلىكى، تارىخىي مەسئۇلىيىتى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار بەلگىلىمە بويىچە پارتىيەنى باشقۇرۇش، تۈزۈم قەپىسىنى چىڭىتىشتەك زور تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ تۈزۈملەشتۈرۈپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش، چىرىكلىك ۋە ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ ۋە رەتلەپ چىقىپ، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىشى ۋە قېلىپلاشتۇرۇشى پارتىيەمىزنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ھەم پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» نى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشتىكى زۆرۈر مەزمۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇھىم تارىخىي تەجرىبىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشتا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى. پارتىيە ئىچىدىكى كەسكىن سىياسىي تۇرمۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاشنىڭ مۇھىم ئىپادىسى ۋە مۇھىم كاپالىتى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشقا سىياسىي پارتىيەلەردىن پەرقلىنىدىغان روشەن بەلگىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى «تۆت چوڭ سىناق»، «تۆت خىل خەۋپ» ئالدىدا نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، جەزمەن پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 1980-يىلى ماقۇللانغان «پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش توغرىسىدا بىر قانچە مىزان» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «مىزان» شۇ ۋاقىتتىكى تارىخىي شارائىتتا تۈزۈپ چىقىلغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا ھازىر كۆرۈلگەن بەزى مەسىلىلەرگە تېخى يولۇقمىغانىدۇق، ئەينى چاغدىكى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولغان بەزى مەسىلىلەر ھازىر ئۇنچە گەۋدىلىك ئەمەس. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر زور مەسىلىلەر توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقاردى، بۇنى سىستېمىلاشتۇرۇش ۋە كونكرېتلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك ھەم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنىڭ مەزمۇنى، ھەم مۇھىم كاپالىتى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتا سۇبيېكتلىق، نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتى كەمچىل بولۇش، پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىشتا كەڭرى، بوش قويۇۋېتىش ۋە يۇمشاق قوللۇق قىلىش مەسىلىسىنى جەزمەن تۈپتىن ھەل قىلىش كېرەك. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىشتە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشتىكى ئەمەلىي ئىزدىنىشنى ۋاقتىدا تۈزۈم نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك تۈزۈمىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈزۈم قەپىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەت ئايدىڭ بولۇش، سۇبيېكت ئېنىق بولۇش، تۈزۈم ئەسقاتىدىغان بولۇش، ئۈنۈملۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىگە كۆپچىلىكتىن ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارالمىسى توغرىسىدا مەخسۇس پىكىر ئېلىشنى ھاۋالە قىلغانىدى. يولداشلار قىممىتى بار نۇرغۇن تەكلىپ بېرىپ، ھۆججەتلەرنى تۈزۈشنى مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىدى. بايا كۆپچىلىك ھۆججەت نۇسخىسى توغرىسىدا قىممىتى بار ۋە ئومۇملۇققا ئىگە نۇرغۇن تەكلىپ بەردى، بۇنىڭ ھۆججەت نۇسخىسىنى تۈزىتىشكە ياردىمى بار، بۇنى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىشىمىز ۋە قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە رەھمەت ئېيتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتىكى ئىنتايىن مۇھىم تېما بولۇپ، بىز پارتىيە ئىچىدىكى كەسكىن ۋە ئەستايىدىل سىياسىي تۇرمۇشنى قانات يايدۇرۇشنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە زىددىيەتلەرنى ياخشى ھەل قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارىغانلىقىمىز ئۈچۈن، بۇ قارالمىنى بىر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىندا مۇزاكىرە قىلدۇق. ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ باشتىن-ئاخىر كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ئۇزاق مۇددەت بىللە تۇرۇش، ئۆزئارا نازارەت قىلىش، بىر-بىرىدىن سىر ساقلىماسلىق، بار-يوقنى تەڭ كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ دېموكراتىك نازارەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئېسىل ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىرداش دوستى بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مىزانغا ئەمەل قىلىش، نىزامنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى دېموكراتىك نازارەت قىلىپ، ۋاقتىدا پىكىر-تەكلىپلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ۋاڭ خۇنىڭ، ليۇ چىباۋ، سۈن چۈنلەن، لى جيەنگو، مېڭ جيەنجۇ، جاۋ لېجى، لى جەنشۇ، دۇ چىڭلىن، جاۋ خۇڭجۇ، ياڭ جىڭ، ۋاڭ يۇڭ، جوۋ چياڭ، ساۋ جيەنمىڭ، مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  سۆھبەت يىغىنىغا يەنە لو فۇخې، چى شۈچۈن، چېن شياۋگۇاڭ، ما پېيخۇا، ليۇ شياۋفېڭ ۋە جياڭ زوجۈن، شاۋ خۇڭ، خۇاڭ جىشيەن، شيې جىڭرۇڭ، جىن جىن قاتارلىق پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر