باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسى جەمئىيەت مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئايرودروملىرى قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشتۈرۈلۈشىگە مەبلەغ سېلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ

2016.10.31 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30- ئۆكتەبىر خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئايرودروملارنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ. پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى كەسپىنىڭ بىخەتەر ۋە يۇقىرى ئۈنۈمدە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسى ئالدىنقى كۈنى «جەمئىيەت مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئايرودروملىرى قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشتۈرۈلۈشىگە مەبلەغ سېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ھەققىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئايرودروملىرىنى قۇرۇش-يۈرۈشتۈرۈش بازىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋەتتى، پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئايرودروملىرى قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشتۈرۈلۈشىدىكى مەبلەغ كىرگۈزۈش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت مەبلىغىنىڭ ھەمكارلىقىغا بولغان سىياسەت جەھەتتىكى قوللاشنى كۈچەيتتى.

  مەزكۇر «پىكىر»گە ئاساسەن، پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى مەملىكەتلىك پۇقرالار تراسىپورت ئايرودروملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى، دۆلەت تەستىقلىغان مەخسۇس تۈرلۈك پىلان ۋە رايون پىلانى، ھەمدە كەسپلەر تەرەققىيات پىلانى قاتارلىقلارغا ماس كېلىدىغان ترانسىپورت ئايرودرومى تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىنى جەمئىيەت مەبلىغىگە ئېچىۋېتىدۇ؛ دۆلەت ئىلكىدىكى ياكى دۆلەت پاي كونتروللۇقىدىكى ترانسپورت ئايرودرومىنىڭ سانى ئازايتىلىدۇ؛ ترانسپورت ئايرودروملىرىنىڭ ئاممىۋىي ئاۋىياتسىيە توشۇش كارخانىلىرى ۋە مۇلازىمەت كاپالەت كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا بولغان چەكلىمىسى يەنىمۇ ئېچىۋېتىلىدۇ؛ ھەممىباپ ئايرودروم قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلىدۇ، مەبلەغ سالغۇچى گەۋدىلەرگە قارىتا چەكلىمە قويۇلمايدۇ، ھەمدە ئۇنىۋېرسال ئايرودروم ۋە باشقا بازار گەۋدىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مەبلەغ سېلىش چەكلىمىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلىدۇ؛ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ۋاستىچىلىك مۇلازىمەت بازىرى ئېچىۋېتىلىپ، مۇناسىپ سالاھىيەت تەلىپىگە ماس كېلىدىغان دۆلەت ئىلكىدىكى، پۇقرالار ئىگىلىكىدىكى، ھەمدە چەتئەل شىركەتلىرى مەبلەغ سالغان، شۇنداقلا ئارىلاش ئىگىلىكتىكى كارخانىلار ۋە باشقا مەبلەغ سېلىش-تىجارەت گەۋدىلىرى ئايرىم ياكى تۈر بىرلەشمە گەۋدىسىنى تەشكىللەش ئارقىلىق، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئايرودروملىرىدىكى مەسلىھەت بېرىش، لايىھەلەش، قۇرۇش، توشۇش ۋە ئاسراش قاتارلىق كەسپلەرگە ئومۇميۈزلۈك قاتناشسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر