باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر بەلباغ بىر يول سانلىق مەلۇماتى ھەققىدىكى 2016-يىللىق دوكلات چىقتى

2016.10.31 16:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئۇچۇر مەركىزى يېقىندا ئېلان قىلغان« بىر بەلباغ بىر يول سانلىق مەلۇماتى ھەققىدىكى 2016-يىللىق دوكلات»دىن ئايان بولۇشىچە جۇڭگونىڭ بىر بەلباغ بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن سىياسەت جەھەتتە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ئۈنۈمى ئاساسەن بىرقەدەر ياخشى بولغان، سىياسىي جەھەتتىكى ئىشەنچىسى كۆرۈنەرلىك ئاشقان، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرى ئاساسەن راۋان بولغان.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭگونىڭ چەتئەللەرگە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى بىرقەدەر ئوڭۇشلۇق بولغان، دۆلەتلەر ھەمكارلىقى تۈرى ۋە قۇرۇلۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىش ۋەزىيىتى ياخشى بولغان، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە، موڭغۇلىيە، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان، ئەمما نۆۋەتتە جۇڭگو تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئازراق تۆۋەنلىگەن، سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلىگۈچى تەرەپنىڭ بىرى ــ يىزەن پەن تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى لى نا مۇنداق دېدى: مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سەۋىيەسى دۆلەتلەر ئارا كۆرۈنەرلىك پەرقلىنىدۇ، ئەمما شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئارىسىدىكى پۇل مۇئامىلىدە يۆلەش قۇرۇلۇشى نىسبەتەن ياخشى، باشقا رايونلارمۇ كۈچەيتىشى كېرەك.

  دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگو 20 نەچچە دۆلەت بىلەن خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى ئېلىپ باردى، يەر شارى مىقياسىدىن قارىغاندا ھىندىستان باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە،جەنۇبىي ئافرىقا تاراتقۇلىرى ۋە تور ئەھلى جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلمەكتە.

  لى نا مۇنداق دېدى: بۇنىڭ ئىچىدە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونلىرى ئاپتوموبىل، پولات تۆمۈر، ئېلېكتىر قۇۋۋىتى،خەۋەرلىشىش كەسپىگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلمەكتە، ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى جۇڭگونى ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش، ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا ئەشيا ئوبوروت مەركىزى قۇرۇشقا جەلپ قىلدى، شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى، ئاپتوموبىل، ئۆي مۈلۈك،سانائەت باغچىسى، تاشيول، ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلمەكتە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر