باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2013- يىلىدىن 2016- يىلى 9- ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە 1 مىليون 10 مىڭ كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى، سىياسىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

2016.10.21 14:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتى 21- ئۆكتەبىر ماقالە ئېلان قىلىپ، 2013-يىلىدىن 2016- يىلى 9- ئايغىچە، مەملىكەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى جەمئىي 1 مىليون 18مىڭ دېلو تۇرغۇزۇپ، 1 مىليون 10مىڭ كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى، سىياسىي ئىنتىزام جازاسى بەرگەنلىكىنى تونۇشتۇردى. 2013- يىلىدىن 2015- يىلىغىچە، مەملىكەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ دېلو تۇرغۇزۇش، دېلو ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە پارتىيە ئىنتىزامى، سىياسىي ئىنتىزام جازاسى بېرىش قېتىم سانى يىلدىن يىلغا ئۆرلىدى.

  18- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3-،5-،6-ئومۇمىي يىغىنلىرى دوكلاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، 2013-يىلى، مەملىكەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى جەمئىي 172مىڭ دېلو تۇرغۇزۇپ، 173مىڭ دېلونى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 182مىڭ كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى، سىياسىي ئىنتىزام جازاسى بەرگەن. 2014- يىلى، مەملىكەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى جەمئىي 226 مىڭ دېلو تۇرغۇزۇپ، 218مىڭ دېلونى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 232مىڭ كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى، سىياسىي ئىنتىزام جازاسى بەرگەن. 2015- يىلى، مەملىكەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى جەمئىي 330مىڭ دېلو تۇرغۇزۇپ، 317مىڭ دېلونى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 336مىڭ كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى، سىياسىي ئىنتىزام جازاسى بەرگەن. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ يېقىندا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان 2016- يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە مەملىكەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2016- يىلى 1-ئايدىن 9- ئايغىچە، مەملىكەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى 290مىڭ دېلو تۇرغۇزۇپ، 260مىڭ كىشىنى بىر تەرەپ قىلغان.

  2013- يىلىدىن 2015- يىلىغىچە، مەملىكەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ دېلو تۇرغۇزۇش، دېلو ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە پارتىيە ئىنتىزامى، سىياسىي ئىنتىزام جازاسى بېرىش قېتىم سانى يىلدىن يىلغا ئۆرلىدى.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر