باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭىدىن خىزمەتكە چىققان سېسترا 24 ئاي تەربىيەلىنىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ

2016.03.25 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ25 -مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېقىندا« يېڭىدىن خىزمەتكە چىققان سېسترانىڭ تەربىيەلىنىش پىروگراممىسى ( سىناق نۇسخىسى ) »نى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، بۇنىڭدا يېڭىدىن خىزمەتكە چىققان سېسترا 24 ئاي تەربىيەلىنىش تەلەپ قىلىنغان. « پىروگرامما» نىڭ تەلىپى بويىچە، يېڭىدىن خىزمەتكە چىققان سېسترا ئاساسىي ماھارەت ۋە ئاساسىي بىلىملەر بويىچە تەربىيەلىنىشتىن باشقا، يەنە ساغلاملىق تەربىيەسى، پىسخىكىلىق پەرۋىش قىلىش، ئالاقىلىشىش ماھارىتى قاتارلىق ئىقتىدارنى ئىگىلىشى كېرەك. سېسترا ھەر خىل بىمارغا قارىتا ئوخشىمىغان پىسخىك پەرۋىش قىلىشنى ئىگىلەشتىن باشقا، يەنە ئۆزىنىڭ پىسخىكىسى ۋە ماسلىشىشى، خىزمەت جەريانىدا جىددىيلىشىش ۋە پىسخىكىلىق داۋالاش قاتارلىقلارنىمۇ ياخشى ئىگىلىشى كېرەك.

  « پىروگرامما »غا ئاساسەن، يېڭىدىن خىزمەتكە چىققان سېسترالار 24 ئاي تەربىيەلىنىش داۋامىدا، ئىككى ھەپتىدىن بىر ئايغىچە ئاساسىي نەزەرىيە بىلىملىرى ۋە دائىم ئۇچرايدىغان كىلىنىكىلىق پەرۋىشنىڭ تېخنىكىلىق مەشغۇلاتى جەھەتتىن تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، ئىچكى كېسەللىكلەر ۋە تاشقى كېسەللىكلەر سىستېمىسى بويىچە ھەر قايسى بۆلۈمدە بىردىن ئىككىگىچە كەسىپنى تاللاپ، ھەر بىر مەخسۇس كەسىپ بويىچە ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە تەربىيەلىنىش ھەم ھەر بىر سېسترا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى، ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيى، ئاياللار بۆلۈمى، بالىلار بۆلۈمى، ئوپېراتسىيە بۆلۈمى ۋە ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى قاتارلىق بۆلۈملەردە ئالتە ئايدىن تەربىيەلىنىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر