باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بېلگىيە ساقچىلىرى پارتلىتىش دېلوسىغا چېتىشلىق ئۈچ گۇماندارىنىڭ سالاھىيىتىنى جەزملەشتۈردى

2016.03.25 13:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېلگىيە تاراتقۇلىرىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى قىلغان ئىككى جىنايەت گۇماندارىنىڭ سالاھىيىتى جەزملەشتۈرۈلگەن. بېلگىيە فىرانسۇز تىلى رايونى رادىيو تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ساقچىلارنىڭ خەۋەردار ئەربابىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېدى: سالاھىيىتى جەزملەشتۈرۈلگەن ئىككى ھۇجۇم قىلغۇچى گۇماندار خالىد ئەل باكراۋى بىلەن ئىبراھىم ئەل باكراۋى ئىسىملىك ئاكا-ئۇكا. بېلگىيەدىكى فىرانسۇزچە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تۈنۈگۈن ساقچىلارنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: بېلگىيە ساقچىلىرى پارتلىتىش ھۇجۇمىغا قاتناشقان ئۈچىنچى گۇماندارىنىڭ سالاھىيىتىنى جەزملەشتۈردى. خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۈچىنچى گۇماندارىنىڭ ئىسمى ناجىم راشلاۋى بولۇپ، 25 ياشتا ئىكەن. ئۇ بىريۇسسېل ئايرودۇرۇمىدىكى پارتلاشتا ئۆلگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر