باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مىنىستىرى: يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدا «يېزىلارنىڭ شەھەرلىشىشى» دىن ساقلىنىش لازىم

2016.03.25 09:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مىنىستىرى چيۇ باۋشىڭ 22-مارت، بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2016-يىللىق يىغىنىدا، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان مەزگىلدە «يېزىلارنى شەھەرلەشتۈرۈش»، « يېزا ئىگىلىكىنى سانائەتلەشتۈرۈش»، «دېھقانلارنى دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ غوجايىنىغا ئايلاندۇرش» خاھىشىدىن، شەھەر باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، سىياسىي تۈزۈلمىلەرنى قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

  چيۇ باۋشىڭ مۇنداق دېدى: ئېلىمىز دېھقانلىرى 3 مىليون تەبىئىي كەنتكە تارقاق ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، جۇغراپىيەلىك مۇناسىۋەت سەۋەبلىك ئۆزگىچە ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر شەكىللەنگەن. يېزىلارنى ئىدارە قىلىش جەھەتتە، نۆۋەتتىكى ئۈچ خىل خاھىش ئەڭ ئاسان يۈز بېرىدۇ، بىرىنچىسى، «دېھقانلار دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ غوجايىنىغا ئايلىنىش»، بەزى دۆلەتلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى تەقلىد قىلىپ، دېھقانچىلىق مەيدانلىرى غوجايىنىلىشىش تىجارەت شەكلىنى مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىپ، بىر دېھقان نەچچە مىڭ مو، ھەتتا ئون مىڭ مو يەر تېرىغىلى بولىدىغان قىلىپ، ھەممىسىنى ماشىنىلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش خاھىشى؛ ئىككىنچىسى، «يېزىلارنى شەھەرلەشتۈرۈش»، شەھەر قۇرۇلۇشى ئەندىزىسى بويىچە يېزا قۇرۇش، يېزىلارنى ئۆزگەرتىپ شەھەر مەھەللىلىرىگە ئايلاندۇرۇش، كەنتلەرنى يوقىتىپ، نەچچە بازارنى بىرلەشتۈرۈپ شەھەرلەشتۈرۈپ، يېزىلارنى شەھەرلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش خاھىشى؛ ئۈچىنچىسى، «يېزا ئىگىلىكىنى سانائەتلەشتۈرۈش»، سانائەتلەشتۈرۈش ئەندىزىسى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى ئۆزگەرتىش، دېھقانلارنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ، سودا-سانائەتلەشتۈرۈپ، يەرلەرنى قاشالاشقا ئۇرۇنۇش خاھىشى.

  چيۇ باۋشىڭ مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئافرىقا ئەينى يىللىرى لاتىن ئامېرىكىسىغا ئوخشاش شەھەر-بازارلاشتۇرۇش دولقۇنى مەزگىلىدە، دېھقانلار يەرلەرنى سېتىپ، ئائىلە بويىچە شەھەرگە كېلىپ، خىزمەت بولسا ئىشلەپ، خىزمىتى يوق چاغدا ماكانسىز قالغانلىقتىن، كەپىلىك رايونلار شەكىللەنگەن، بۇنداق شەھەر-بازارلاشتۇرۇش بىر خىل تاق يۆنىلىشلىك بازارلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر