باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى تەتقىقات يىغىنى 6-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىغا مۇھىم كۆرسەتمە بەردى ھەم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

پارتىيە قۇرۇلۇشى نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، جۇڭگوچە ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇلۇشى نەزەرىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىىمۇ زور تۆھپە قوشۇش لازىم

ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى ھەم سۆز قىلدى

2016.03.24 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى تەتقىقات يىغىنى 6-قۇرۇلتىيى 23-مارت بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم كۆرسەتمە بېرىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى تەتقىقات خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، مەملىكەتلىك پارتىيە نۇرۇلۇشى تەتقىقات يىغىنىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى ئەقىل-پاراسەت ئامبىرىلىق رولى، نەتىجىلىرى ۋە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتىكى ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، جۇڭگوچە ماركسىزملىك پارتىيە قۇرۇلۇشى نەزەرىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، پارتىيەنىڭ باشتىن-ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىېتىتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورىقىدا پارتىيە قۇرۇلۇشى تەتقىقات خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى تولۇق نامايان قىلىنىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى تەتقىقات خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى ئورنى چوڭقۇر شەرھىلىنىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى تەتقىقات خىزمىتىنىڭ تۈپ قوللانمىسى ۋە ئاساسىي ۋەزىپىسى ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، يېتەكچىلىككە ۋە قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرىشىمىز كېرەك.

  ليۇ يۈنشەن مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى تەتقىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ھالقىسى سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەش، يۈكسەك ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلىش ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشتا. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، مەيلى تەتقىقات پىلانىنى بېكىتىش، ياكى تېما تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇش بولسۇن، ھەممىسىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش تەلىپىنى ياخشى نامايان قىلىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چۆرىدەپ، ئاساسىي ھۇجۇم قىلىش يۆنىلىشىنى نىشانلاپ، تەتقىقات سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات نەتىجىرىلىنى يارىتىپ، نەزەرىيە سىستېمىسىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. نەزەرىيە سىستېمىسى ئەمەلىيىتىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، مەسىلىلەرنى قاراتمىلىق تەپەككۇر قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، پارتىيە قۇرلۇشىنىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى يېڭى تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى كۈچلۈك نەزەرىيە مەدىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر