باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

6- نۆۋەتلىك «باغراش لوڭقىسى» ئات بەيگىسى پائالىيىتى 8-ئاپرېل باشلىنىدۇ

ئەلا نەسىللىك ئات 20 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ

2016.03.24 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-مارت، ئاپتورنىڭ شىنجاڭ باغراش ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ناھىيەدە 6-نۆۋەتلىك « باغراش لوڭقىسى» ئات بەيگىسى مۇسابىقىسى 8-ئاپرېل باشلىنىپ، بىر كۈن داۋاملىشىدىكەن. بۇ قېتىملىق ئات بەيگىسى مۇسابىقىسىدە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئىچىدىكى ئەلا نەسىللىك ئاتتىن بىرسى باھالاپ چىقىلىدىكەن، مۇكاپات سوممىسى 20 مىڭ يۈەن بولۇپ، تارىختىكى ھەر نۆۋەتلىك بەيگە مەرىكىسى ئىچىدە ئەڭ كاتتىسى بولىدىكەن.

  بۇ قېتىملىق ئات بەيگىسى پائالىيىتىنى باغراش ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتكە بايىنغولىن ئوبلاستلىق چارۋىچىلىق مەيدانى، باغراش ناھىيەلىك ئات بەيگىسى جەمئىيىتى ھەمكارلاشقان. مۇسابىقە تۈرلىرىدە ئات چاپتۇرۇش ۋە ئات يورغىلىتىش تۈرى بار. مۇسابىقە دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى « ئات ئۈستى مۇسابىقە قائىدىسى» ۋە « ئات چاپتۇرۇش مۇسابىقە قائىدىسى»گە ئاساسەن داۋاملىشىدۇ، مۇسابىقىدە بىر قېتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بىلەن نەتىجىسى بېكىتىلىدۇ .

  بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئات چاپتۇرۇش تۈرىدە 1000 مېتىر، 2000 مېتىر، 3000 مېتىر، 5000 مېتىر، 10 مىڭ مېتىرغا چاپتۇرۇش ؛ ئات يورغىلىتىش تۈرىدە 1000 مېتىر، 3000 مېتىر، 5000 مېتىرغا چاپتۇرۇش دەپ ئايرىلىدۇ. يەرلىك ئەلا نەسىللىك ئاتلار ھەر بىر يەككە تۈر بويىچە ئالدىنقى ئۈچىنچىلىككىچە مۇكاپاتلىنىدۇ. بىرىنچىلىككە ئېرىشكىنى 5000 يۈەن، ئىككىنچىلىككە ئېرىشكىنى 2000 يۈەن، ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكىنى 1000 يۈەن بىلەن؛ 10 مىڭ مېتىرلىق ئات چاپتۇرۇشتا بىرىنچىلىككە ئېرىشكىنى 10 مىڭ يۈەن، ئىككىنچىلىككە ئېرىشكىنى 4000 يۈەن، ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكىنى 2000 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئات چاپتۇرۇش ۋە ئات يورغىلىتىش مۇسابىقە نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئەلا نەسىللىك ئاتتىن بىرسى باھالاپ چىقىلىپ، 20 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر