باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ بېلگىيە پادىشاھى ۋە باش ۋەزىرىگە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2016.03.24 15:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22- مارت، بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا يۈز بەرگەن بىر قاتار تېررورلۇق، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى توغرىسىدا بېلگىيەنىڭ پادىشاھى فىلىپقا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ھۇجۇم قىلىش قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى، قازاغا ئۇچرىغۇچىلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، يارىلانغانلار ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى، تېررورلۇق ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، خەلقئارا جەمئىيەت دۇچ كەلگەن ئورتاق خەۋپ. جۇڭگو بېلگىيە بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، تۈپتىن ۋە يۈزەكى جەھەتتىن تەڭ تۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، بارلىق شەكىلدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرىدۇ، بېلگىيە بىلەن بىرگە دۇنيا تىنچلىقى مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا يۈز بەرگەن ئېغىر تېررورلۇق، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى توغرىسىدا بېلگىيەنىڭ باش ۋەزىرى مىچېلغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، تېررورچىلارنىڭ قەبىھ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى، قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى ۋە يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. لى كېچياڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى، جۇڭگو بېلگىيەنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىش ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، بېلگىيە ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇقنىڭ تەھدىتى ۋە خىرىسىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر