باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئېغىر دەرىجىدىكى گاس بالىلار سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى كۆچۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ

2016.03.24 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا شايار ناھىيەسىدىن كەلگەن ئىككى يېرىم ياشلىق مۇستاپانىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى تەكشۈرۈلۈپ، ئېغىر دەرىجىدىكى گاسلىقى بېكىتىلدى. دوختۇر مۇستاپانى تەسۋىرشۇناسلىق بويىچە تەكشۈرۈش ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلار بىرلەشمىسىگە بېرىپ ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى سىناش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. ئەگەر شەرتكە ئۇيغۇن كەلسە، مۇستاپاغا قىممىتى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى ھەقسىز ئورنىتىلىپ، ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىلىدۇ.

  ئېلىمىزدە ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان مېيىپلار 27 مىليون بولۇپ، باشقا مېيىپلارغا قارىغاندا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە ياشتىن تۆۋەن گاسلار 800 مىڭ بولۇپ، يىلىغا يېڭىدىن 30 مىڭ گاس كۆپىيىۋاتىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى قۇلاق - بۇرۇن - كېكىردەك كېسەللىكلىرى مەركىزى دۆلەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى ئوپراتسىيە مەركىزى بولۇپ، 2002 - يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئالدى بىلەن ئېلېكتىرون قۇلاق قۇلۇلىسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنى مۇستەقىل ئېلىپ بېرىپ، ھازىرغا قەدەر 300 دىن ئارتۇق كىشىنى ئوپېراتسىيە قىلغان. بۇ يىل دۆلەتنىڭ ياردەم بېرىش تۈرى بولغان «ھەسەن - ھۈسەن ئارزۇسى ھەركىتى پىلانى» ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 128 گاس بالىغا ھەقسىز ئېلېكتىرونلۇق قۇلاق قۇلۇلىسى كۆچۈرىدىغان بولۇپ، يەنە «ئاڭلاش ئىقتىدارىنى قايتا قوزغاش ھەرىكىتى» قاتارلىق جامائەت پاراۋانلىقى تۈرىنىڭ ياردەم بېرىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئېغىر دەرىجىدىكى گاس بالىلارغا مۇۋاپىق ياردەم بېرىدىكەن. يەتتە ياشتىن كىچىك گاس بالىلار ياكى يەتتە ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان، تىل چىققاندىن كېيىن گاس بولۇپ قالغان بالىلار ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى ياكى جۇڭگو گاس بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەتقىقات مەركىزىنىڭ ھۆكۈمەت تورى(www. cr r cdc.or g.cn) دىن ئىبارەت ئۈچ خىل يول ئارقىلىق ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر