باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، گۈزەل، پاكىز شىنجاڭ بەرپا قىلىش كېرەك

جاڭ چۈنشيەن جاڭ فاڭيۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

2016.03.24 18:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 22 – مارت چۈشتىن كېيىن ‹‹گۇاڭچى›› گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ فاڭيۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  ‹‹گۇاڭچى›› گۇرۇھى دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىل كارخانىسى بولۇپ، ‹‹گۇاڭچى›› گۇرۇھىنىڭ قارىمىقىدا ئون نەچچە داڭلىق ئاپتوموبىل كارخانىسى ۋە تەتقىقات ئاپپاراتى بار، كەسىپلىرى ئىچكى – تاشقى بازارلارغا يۈزلەنگەن. ‹‹گۇاڭچى›› گۇرۇھى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەتنىڭ يېشىل تەرەققىيات چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىگە كۆتۈردى ھەم ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ كەسىپ زەنجىرى سىستېمىسىغا ئاساسەن تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىشتىن ئىبارەت ئومۇمىي ئىقتىدارنى تەدرىجىي يېتىشتۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ تېخنىكا ئەۋزەللىكى ۋە كوزىر مەھسۇلاتلىرىنى شەكىللەندۈردى.

  جاڭ فاڭيۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن شىنجاڭنىڭ سېلىنما مۇھىتى ۋە بازىرىنى ئىگىلەش، ‹‹گۇاڭچى›› گۇرۇھىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تۈرىنى شىنجاڭغا ماكانلاشتۇرۇش ئىشىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كەلگەن.

  جاڭ چۈنشيەن كۆرۈشۈشتە مۇنداق دېدى: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹گۇاڭچى›› گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىشىنى قوللىدى، ‹‹گۇاڭچى›› گۇرۇھى شىنجاڭ بىلەن تېزدىن يۇقىرى ئۈنۈمدە ھەمكارلاشتى، بۇ كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئەزەلدىن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، گۈزەل، پاكىز شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىكى مۇھىم تەدبىر، ھەم شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشتىكى مۇھىم يول، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم بۆسۈش ئېغىزى ۋە ئالدىن كۈچەش نۇقتىسى. ‹‹گۇاڭچى›› گۇرۇھىنىڭ كەڭ دائىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تۈرىنى شىنجاڭغا بالدۇرراق ماكانلاشتۇرۇپ ئۈنۈم يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ بازىرى بار، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايوننىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشىشى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسى مۇستەھكەملەندى، شارائىتى ھازىرلاندى. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تېز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونى ياكى ئەتراپتىكى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ بولسۇن، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا بولغان ئېھتىياجى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ. شىنجاڭ ھازىر يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنى تەتقىق قىلىپ ۋە پىلانلاپ، بۇ كەسىپنىڭ تەرەققىياتىنى يۇقىرى پەللە، يۇقىرى سەۋىيەدە ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. ‹‹گۇاڭچى›› گۇرۇھىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ساھەسىدە ئاساسى ۋە تەجرىبىسى بار، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تۈرىنىڭ شىنجاڭغا تېزرەك ماكانلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە ئىلغار، تەسىر كۈچى بار ئۈلگىلىك تۈرلەرنى قۇرۇپ چىقىشقا قۇربى يېتىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر مۇلازىمەت، ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ۋە شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.

  جاڭ فاڭيۇ مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ سېلىنما مۇھىتى، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى، مۇلازىمەت ئېڭى بىزدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ‹‹گۇاڭچى›› گۇرۇھى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئالاقىدار تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، بۇ ئىشنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشىنى داۋاملاشتۇرۇش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھەم گۇرۇھنىڭ سىرتقا يۈزلىنىشىدىكى مۇھىم پۇرسەت بىلىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ‹‹گۇاڭچى›› گۇرۇھى كېيىنكى قەدەمدە شىنجاڭغا پائال ماسلىشىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ۋە ئادەتتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىنى ئەتراپلىق تەتقىق قىلىپ ۋە پىلانلاپ، شىنجاڭنى ‹‹گۇاڭچى›› گۇرۇھىنىڭ مەملىكەت بويىچە كەسىپلەر ئورۇنلاشتۇرمىسىدىكى نۇقتىلىق رايون قىلىدۇ.

  جاڭ فاڭيۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى 23 – مارت ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەم ئۈرۈمچى شەھىرىدە داۋاملىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، جۇ خەيلۇن، پېڭ جيارۈي، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۈەن، ‹‹گۇاڭچى›› گۇرۇھىنىڭ رەھبەرلىرىدىن فېڭ شىڭيا، ۋۇ سۇڭ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر