باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-بەش يىلدا كوپىراتىپلار ئۈچ ھەسسىگە يېقىن كۆپەيدى

2016.03.24 16:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك دېھقانلار كوپىراتىپلىرى تەرەققىياتى مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە كېڭىشىنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنى يېقىندا ئېچىلدى. يىغىندا ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، 2015- يىلى دېكابىرنىڭ ئاخىرغىچە، ئېلىمىزدە تىزىمغا ئېلىنغان دېھقانلار كوپىراتىپى 1 مىليون 531 مىڭغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 18.8 % ئاشقان؛ كوپىراتىپقا ئەمەلىي كىرگەن دېھقان ئائىلىسى 100 مىليوندىن ئېشىپ، دېھقانلار ئومۇمىي ئائىلە سانىنىڭ 42 % نى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقىدىن 6.5 پوئىنت كۆپەيگەن. «12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە»ئېلىمىزدىكى كوپىراتىپلارنىڭ سانى ئۈچ ھەسسىگە يېقىن ئاشقان، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ كوپىراتىپقا كىرىش نىسبىتى 31 پوئىنت كۆپەيگەن. بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى، دېھقانلار كوپىراتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەتلىك ئۈلگىلىك كوپىراتىپلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كوپىراتىپلارنىڭ قېلىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قۇرۇش، دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر