- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شەخسلەردىن باج ئېلىشنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ 2018-يىلى ئورنىتىلىشىدىن ئۈمىد بار
2016.03.24 16:26 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ ئالاقىدار تارماقلاردىن ئۇقۇشىچە، ئېلىمىز باج ئۇچۇرى سىستېما قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىۋېتىپتۇ، 2018-يىلى باج ئېلىشنى باشقۇرۇش سانلىق مەلۇماتىنى باج ئىشلىرى باش ئىدارىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شەخسلەردىن باج ئېلىشنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئورنىتىش ھەم بۇ باج ئېلىشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى بىلەن شەخسلەرنىڭ كىرىمى ۋە مال مۈلۈك ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشتىن ئۈمىد بار ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەبىئىي شەخسلەردىن باج تاپشۇرىدىغانلارنىڭ سانى كۆپ، باشقۇرۇش قىيىن بولۇش يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن، ئېلىمىز قانۇن رامكىسى، تۈزۈم لايىھەلەش، باج ئېلىشنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى، تېخنىكا تىرىكى، بايلىق تەقسىملەش قاتارلىق جەھەتلەردىن يۇقىرى كىرىملىكلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلغان تەبىئىي شەخسلەردىن باج ئېلىشنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئورنىتىدىكەن. ئۇزۇندىن بۇيان، ئېلىمىز يولغا قويۇپ كەلگەن تۈزۈم-ۋاسىتىلىك باجنى ئاساس قىلغان باج ئېلىش تۈزۈمى ئىدى. بىۋاسىتە باجنىڭ ئومۇمىي باجدا ئىگىلىگەن نىسبىتى بەك تۆۋەن بولۇپ، شەخسلەرنىڭ كىرىمى، بايلىقىنى ئەتراپلىق تەڭشەش يېتەرسىز بولغان مۇھىم باج تۈرىگە كىرىدۇ؛ ئەمما ۋاسىتىلىك باجنىڭ نىسبىتى بەك يۇقىرى بولۇپ، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭكىدىن بەكلا ھالقىپ كەتكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر