خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: ئەخمەتجان ھوشۇرخەۋىرى، فوتوسى) يېقىندا، كورلا شەھىرى يېڭى شەھەر يېزىسى مەركىزىي مەكتەپنىڭ پېشقەدەم پېنسىيونېرى، يازغۇچى مەريەم مۇئەللىمگە تون كىيدۈرۈش ۋە "ئاھ قىزىم'' رومانىنى مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتى كورلا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ پېنسىيۇنېرلىرىدىن يازغۇچى ئابدۇۋەلى ئەلى ئاژۇنى، جالالىدىن بەھرام، بايىنغولىن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن ئەخمەتجان ھەمدۇللا، شىنجاڭ شىنخۇا 2-باسما زاۋۇتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، يازغۇچى، شائىر ئابلىمىت ئاقيولى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، كىروران ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئۆمەر مۇھەممەد ئىمىن (كىروران) قاتارلىق شائىر، يازغۇچىلار ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
پائالىيەت ئاخىرىدا، يەسنەۋى شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، نىسا دۇكىنىنىڭ مەسئۇلى خەيرىنىسا خانىم پېشقەدەم يازغۇچى مەريەم ئەھەتكە ھۆرمەت تونى سوۋغا قىلدى.
سۈرەتتە: يازغۇچى مەريەم مۇئەللىمگە تون كىيدۈرۈش ۋە «ئاھ قىزىم» رومانىنى مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى