باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ نېپال زۇڭلىسى ئولى بىلەن كۆرۈشتى

2016.03.24 16:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ 23-مارت خەلق سارىيىدا نېپال زۇڭلىسى ئولى بىلەن كۆرۈشتى. يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: زۇڭلى ئەپەندى بۇ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ، زۇڭلى لى كېچياڭ بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشۈپ ۋە سۆھبەتلىشىپ، جۇڭگو-نېپال مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشى ھەم ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ئىككى تەرەپ ئالاقىدار ئورتاق تونۇشلارنى تېرىشىپ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يەنىمۇ ياخشى تۇتاشتۇرۇپ، سىياسىيدا ئۆز ئارا ئىشىنىدىغان ياخشى دوستلار، ئىقتىسادتا ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى شېرىكلەر، بىخەتەرلىكتە ئۆز ئارا قوللايدىغان ياخشى قوشنىلاردىن بولۇشى كېرەك. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى نېپال پارلامېنتى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-نېپال دوستلۇق ئىشلىرى ۋە ئىككى تەرەپلىك ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ.

  ئولى مۇنداق دېدى: نېپال-جۇڭگو دوستلۇقى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش-نېپالدىكى ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ ئورتاق تونۇشى. مەن بۇ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ مول نەتىجىگە ئېرىشتىم، نېپال-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى ياخشى ۋەزىيەتنى كۈتۈۋالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر