باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

رەھبىرىي كادىرلار جەمىيەت ئامانلىقىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كۈچلۈك بولمىسا، جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ

2016.03.25 09:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»نى ئېلان قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىلىرى، رەھبىرىي كادىرلار جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ۋە ئەمىنلىك قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك قاتارلىق ئالتە خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش، ھەتتا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش تۇنجى قېتىم پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە-نىزام شەكلىدە ئېنىق بەلگىلەندى.

  بەلگىلىمىدە يەنە، پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسى، رەھبىرىي كادىرلارغا قارىتا مەسئۇلىيىتىنى تەپتىش قىلىش ۋە سۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇللىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش، چاقىرىپ سۆزلىشىش، رويخەتكە ئېلىپ سۈيلەش، بىر بېلەت بىلەن ئىنكار قىلىش ھوقۇقى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، سەۋەنلىك بىلەن ئىستېپا بېرىش، ئىستېپا بەرگۈزۈش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش قاتارلىقلار.

  ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلار جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى، پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلىشى؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر