باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىن 100 مەكتەپ پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپى ۋە ناھىيە (شەھەر، رايون)دىن بىر مەكتەپ پۇتبولدا نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان مەكتەپ بولۇشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ

2016.03.25 09:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن 100 مەكتەپ پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپى ۋە ناھىيە ( شەھەر ، رايون ) دىن بىر مەكتەپ پۇتبولدا نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان مەكتەپ بولۇشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىن ئالتە مەكتەپ، قەشقەر ۋىلايىتىگە بېرىلگەن سان ئەڭ كۆپ بولۇپ، 24 مەكتەپ ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئىلتىماس قىلىش دائىرىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ (ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)گە يۈزلەنگەن بولۇپ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى بىرلىك قىلىپ تەۋسىيە قىلىنىدكەن؛ رايون تەۋەسىدىكى مەكتەپلەر تۈرى بويىچە ئومۇمىي مىقدارى كونترول قىلىنىدىكەن؛ تولۇق ئوتتۇرا، تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 1:3:6 لىك ئاساسىي نىسبەت بويىچە مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇلۇپ، ياتاقلىق مەكتەپلەر ۋە توققۇز يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپلەرگە مۇۋاپىق مايىللاشتۇرۇلىدىكەن.

  بۇ قېتىمقى پۇتبول ئالاھىدە مەكتەپلىرىنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدىغان ۋىلايەت، ئوبلاستلار ئايرىم-ئايرىم ئىلى ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، بورتالا ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلار ئىكەن.

  ئىلتىماس قىلىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان مەكتەپلەر سىياسەت جەھەتتىن قوللاشقا ئېرىشىدىكەن. مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «مەملىكەتلىك مەكتەپ پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپى» ۋە «مەملىكەتلىك مەكتەپ پۇتبول نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ناھىيە (شەھەر ، رايون)» نامى بېرىلگەنلىرىگە ۋېۋىسكا تارقىتىلىدىكەن. پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپى ۋە ناھىيە (شەھەر، رايون)لاردىكى پۇتبول نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان مەكتەپلەرنىڭ پۇتبول ئوقۇتۇشى، مەشىق ۋە مۇسابىقە پائالىيىتى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشلىرى دۆلەت، ئاپتونوم رايون ۋە يەرلىك ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خىراجەت ۋە شارائىت جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىشىغا ھەم سىياسەت جەھەتتىن قوللىشىغا ئېرىشىدىكەن.

  پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپى ۋە پۇتبول نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالى ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ يىللىق نىشانلىق باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر