باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيە تۇلىز ئايرودۇرۇمى جىددىي تارقاقلاشتۇرغاندىن كېيىن قايتىدىن ئېچىۋېتىلدى

2016.03.25 13:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى تۇلىز شەھىرىنىڭ تۇلىزبۇلانىياك ئايرودۇرۇمى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن گۇمانلىق خالتا بايقالغاندىن كېيىن جىددىي تارقاقلاشتۇرۇلغان. ساقچىلار بىخەتەرلىكنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئايروبىنا قايتىدىن ئېچىۋېتىلگەن، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ قاتنىشى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلگەن. تاراتقۇلار يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە چېگرا ساقچىلىرىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئايرودۇرۇمدىكى خىزمەتچى خادىملار بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈۋاتقاندا ئايرودۇرۇمدىكى بىر شامال ئۆتكۈزۈش ئېغىزىنىڭ رېشاتكىسى بۇزۇۋېتىلگەنلىكى ھەمدە بىر گۇمانلىق خالتا بارلىقىنى بايقىغان، تۇلىز ئايرودۇرۇمى بۇنىڭ بىلەن جىددىي تارقاقلاشتۇرۇلغان. ئايرودۇرۇمدىكى بارلىق ئايروپىلانغا چىقىش بىردەك ۋاقتىنچە توختىتىلغان، ئىككى ئايروپىلاندىكى يولۇچىلارمۇ تارقاقلاشتۇرۇلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر