- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مالايسىيا جەنۇبىي ئافرىقىدا ئايروپىلان موتور زاپچاسلىرىغا ئوخشاش نەرسىلەرنى بايقىدى
2016.03.25 13:38 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مالايشىيانىڭ قاتناش مىنىستىرى لياۋ جۇڭلەي 22-مارت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شۇ كۈنى جەنۇبىي ئافرىقىدا ئايروپىلاننىڭ موتور زاپچاسلىرىنىڭ سۇنىقىغا ئوخشاش نەرسىلەر بايقالدى. تەكشۈرگۈچى خادىملار بۇ سۇنۇق پارچىلىرىنىڭ مالايشىيانىڭ 370بەلگىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ ئىكەن ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرىدۇ.
ئۇ باياناتتا مۇنداق دېدى: بۇ سۇنۇق پارچىلىرى شۇ كۈنى ئەتىگەندە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز قىرغىقىدا بايقالدى، دەسلەپكى دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە، بۇ سۇنۇق پارچىلىرى بىر ئايروپىلان موتورىنىڭ زاپچىسى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، ئۇ مۇنداق دېدى: مالايسىيا قاتناش مىنىستىرلىقى بىلەن خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى جەنۇبىي ئافرىقا خەلق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن يېقىن ئالاقىنى ساقلايدۇ ھەمدە سۇنۇق پارچىلىرىنى يىغىشقا مەخسۇس مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر