- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لى كېچياڭ لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى ھەمكارلىقىنىڭ تۇنجى قېتىملىق رەھبەرلەر يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى:
قول تۇتۇشۇپ لەنساڭجياڭ-مىكو دەرياسى ھەمكارلىقىدا دۆلەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى يارىتىش لازىم
2016.03.25 09:41 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 23-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەينەن ئۆلكىسى سەنيا شەھىرىنىڭ خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى ھەمكارلىقىنىڭ تۇنجى قېتىملىق رەھبەرلەر يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەر رەھبەرلىرى بىلەن «بىر دەريا سۈيىنى ئىچىش، تەقدىرداش بولۇش» ئاساسىي تېمىسىنى چۆرىدەپ، لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش زور پىلانىنى ئورتاق كېڭەشتى. تايلاند زۇڭلىسى بايۈ، بىرمىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى سەي ماۋكاڭ ۋە ۋېيتنامنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى فەن پىڭمىڭ يىغىنغا قاتناشتى.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ۋە مىكون دەرياسى بويىدىكى بەش دۆلەتنىڭ تاغ-دەريالىرى تۇتاش بولۇپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن، ھەمكارلىق-شېرىكلىك مۇناسىۋىتى تەبىئىي شەكىللەنگەن ۋە دوستلۇقى قويۇق، چېگرىداش دۆلەت. جۇڭگو مىكون دەرياسى بويىدىكى بەش دۆلەتكە ئوخشاش ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقان بولۇپ، مەنپەئىتى زىچ باغلانغان، ھەمكارلىق ئاساسى پۇختا، لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى ھەمكارلىق مېخانىزمىنى بەرپا قىلغاندا، شارائىت پىشقاندا ئىش ئۆز-ئۆزىدىن ھەل بولۇپ، دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى تەرەققىياتتىكى يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا پايدىلىق بولۇپ، ئاسىياسنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ بېغىشلايدۇ. مىكون دەريا بويىدىكى بەش دۆلەت شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا مۇھىم دۆلەت، جۇڭگو شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە ئورتاق گەۋدە قۇرۇلۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ. لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى ھەمكارلىق مېخانىزمى جۇڭگو-شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ھەمكارلىق رامكىسىنىڭ پايدىلىق تولۇقلىمىسى بولۇپ، جۇڭگو-شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرتشكە پايدىلىق. لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى ھەمكارلىقى ۋېيتنام جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئەمەلىيىتى بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق قول تۇتۇشۇپ ب د ت نىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى قەتئىي قارارىنى نامايان قىلدى.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى بويىدىكى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ يېقىن بولۇش - رايون، دۆلەت ۋە ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. بىز مۇشتىمىزنى چىڭ تۈگۈپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ ھەمكارلىقنى كۆزلەپ، قول تۇتۇشۇپ باراۋەر كېڭىشىش، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىشتەك لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى دۆلەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى يارىتىشىمىز كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر