باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى:

ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئارمىيەنىڭ ھەربىي ئالىي مەكتەپلەر ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىختىساسلىقلار ۋە ئەقىل-پاراسەت مەدىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

2016.03.25 09:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 23-مارت دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 6-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە دىۋىزىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى قوبۇل قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانى ۋە دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئارمىيە قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ھەربىي ئالىي مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئالىي مەكتەپ ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، مەكتەپ باشقۇرۇش، ئادەم تەربىيەلەش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار ۋە ئەقىل-پاراسەت مەدىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  ئەتىيازدا بېيجىڭ شەھىرى ئىللىق باھار نۇرىغا چۆمۈلدى، قىزىل تاغ ئېتىكى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇز يېرىملاردا، شى جىنپىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ تارىخ يۇرتىغا كەلدى. ئۇ قاتار-قاتار سۈرەتلەر ۋە بۇيۇملارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلىغاچ سوئال سوراپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئارمىيەمىزنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىشتىكى ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى ئەسلەپ، مەكتەپنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە ئەگىشىپ ئىلگىرىلەش يولىدا باسقان شانلىق مۇساپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلىمىزنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھەربىي ئىشلار بىلىم يۇرتى بولۇپ، قىزىل جىنگاڭدا يىلتىز تارتىپ، ئەجدادلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، پارتىيە، دۆلەت، ئارمىيە ئۈچۈن زور تۈركۈمدىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈردى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، يوليورۇقلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى، سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەكتەپنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، مەكتەپنى قاتتىق باشقۇرۇپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مەكتەپ باشقۇرۇش ئەمەلىي كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى كۈچەيتتى.

  سائەت 10 لاردا، شى جىنپىڭ ئۇنىۋېرسال خىزمەت بىناسىغا بېرىپ، دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 6-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە دىۋىزىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. ئارقىدىنلا شى جىنپىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: توغرا سىياسىتي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى پارتىيە نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىشتىكى مۇھىم ساھە، شۇنداقلا ئارمىيە قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش رەھبەرلىك تايانچلىرىنى يېتىشتۈرۈش بازىسى بولۇپ، سىياسىي جەھەتتە جەزمەن يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى تەلەپتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. بىر سەپتە تۇرۇش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە، ئىدىيە، سىياسىي ۋە ھەرىكەت جەھەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداشتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ قوماندانلىقىغا بوي سۇنۇشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشى كېرەك. گۇتيەن ئارمىيە سىياسىي خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى، سىياسىي جەھەتتىن مەكتەپ باشقۇرش ۋە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بارلىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش، پەن-تەتقىقات، مەكتەپ باشقۇرۇش پائالىيەتلىرىدە سىياسىي مەكتەپ قۇرۇش تەلىپىنى ئىزچىللاشۇتۇرۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ نەزەرىيە تەربىيەسى ۋە پارتىيەۋىلىك تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىدىيەۋى، سىياسىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش جەريانىنى ئىدىيەسىنى ساپلاشتۇرۇش ۋە روھىنى تاۋلاش جەريانىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك. سىياسىي سەزگۈرلىكى ۋە سىياسىي جەھەتتىكى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم ۋە ئىلمىي ئىزدىنىشتە يېڭىلىق يارىتىشچان بولۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر