خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد فوتوسى) 22-مارت، خوتەن شەھىرىنىڭ ياشلارنى يېڭىچە تۇرمۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش بازىسىدا خوتەن «نەزەرجان» كىيىم - كېچەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شېركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋەلى نەزەرجان كىيىم تىكىش سېخىدا يېڭىدىن تىكىلگەن كىيىملەرنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە.
ۋەلى نەزەرجاننىڭ ئېيتىشىچە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆسۈمسىز قەرز بېرىش ئېتىبار سىياسىتىدە، ئۇ 3 مىليون يۈەن قەرز ئېلىپ، بۇ زاۋۇتنى قۇرغان ھەم ئەتراپتىكى يېزا، كەنتلەردىن 280 دېھقان ياشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى