باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ بېلگىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى جۇڭگولۇقلارنىڭ بېلگىيەگە بارغاندا ئاگاھ بولۇشىنى سەمىگە سالدى

2016.03.25 13:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ بېلگىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى 22-مارت ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېل ئايرودۇرۇمى ۋە شەھەر رايونىدىكى مېترو بېكىتىدە نۇرغۇن پارتلاش بولۇپ، نۇرغۇن ئۆلۈم-يېتىم بولدى، بېلگىيەدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ سىرتلارغا ئازراق چىقىشى، جۇڭگولۇقلارنىڭمۇ بېلگىيەگە بېرىشتا ئېھتىيات قىلىشىنى سەمىگە سالىمىز.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلىدۇ: جۇڭگونىڭ بېلگىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى جۇڭگولۇقلاردىن ئۆلۈم-يېتىم بولغانلىقى ھەققىدىكى دوكلاتنى تاپشۇرۇپ ئالمىدى.

  بېلگىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانا شۇنىڭ بىلەن بىرگە بېلگىيەدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىپ، سىرتلارغا ئازراق چىقىشىنى ئەسكەرتتى. بېلگىيەگە بارىدىغان جۇڭگولۇقلارنىڭ بېلگىيەگە بېرىشنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىنىپ كۆرۈشىنى، ناۋادا جىددىي ئەھۋال كۆرۈلسە ساقچىغا مەلۇم قىلىش ھەمدە جۇڭگونىڭ بېلگىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ياردەم تەلەپ قىلىشنى ئەسكەرتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر