باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا دەنۋېر ئايرودۇرۇمى بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن بىر قىسىم ئايروبىناسىنى تاقىدى

2016.03.25 13:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا دەنۋېر ئايرودۇرۇمى 22-مارت بىخەتەرلىك تەھدىتى سەۋەبىدىن بىر قىسىم ئايروبىناسىنى تاقىدى، كۆپلىگەن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى تەسىرگە ئۇچۇردى.

  ئايرودۇرۇم تەرەپ مۇنداق دېدى، دەنۋېر ساقچىلىرى پېچەتلەنگەن رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈردى، گۇمانلىق پارتلىغۇچ ۋە ئايرودۇرۇم يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا گۇمانلىق بۇيۇمنى بايقىمىدى. بۇ قېتىمقى بىخەتەرلىك تەھدىتىنىڭ راست مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكىنى ساقچىلار يەنىمۇ تەكشۈرىدۇ.

  ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، 22-مارت بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېلدا يۈز بەرگەن بىر قاتار تېررور ھۇجۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، تېررورلۇق ھۇجۇمدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، شۇ كۈنى ئامېرىكا ئاساسلىق چوڭ شەھەرلىرىدىكى قاتناش تۈگۈنى ۋە ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۈستۈرگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر