- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 65 پەن-تېخنىكىغا مەسئۇل مۇئاۋىن ھاكىم ئاساسىي قاتلامغا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا بارىدۇ
2016.03.25 13:51 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-مارت، ئاپتونوم رايون 19 - تۈركۈمدىكى پەن - تېخنىكىغا مەسئۇل مۇئاۋىن ھاكىم (شەھەر ، رايون) باشلىقلىرىرىنىڭ سەپەرگە چىقىش ئالدىدىكى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى. يىغىندىن كېيىن، تاللاپ ئەۋەتىلگەن 65 پەن - تېخنىكىغا مەسئۇل مۇئاۋىن ھاكىم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 60 نەچچە ناھىيە (شەھەر ، رايون)نىڭ خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 26 ئادەم جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا ئەۋەتىلىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ % 40 نى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)لىرىگە ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىلگەن پەن - تېخنىكىغا مەسئۇل ھاكىم بىلەن قاپلىنىش تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
پەن - تېخنىكىغا مەسئۇل مۇئاۋىن ھاكىم (شەھەر ، رايون) باشلىقلىرى ئادەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئىنستىتۇتلار، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار، چوڭ، ئوتتۇرا كارخانىلار، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىدىكى پەن - تېخنىكا خادىملىرى ۋە مۇئەييەن كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە مەمۇرىي باشقۇرۇش كادىرلىرى ئارىسىدىن تاللاپ ئەۋەتىلگەن.
ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئاساسلىقى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ، پەن - تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تەشكىللىك قانات يايدۇرۇپ، پەن - تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلىنىشىنى كۈچەيتىش بولۇپ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئادەتتە ئىككى يىل بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر