باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىقلىرىنىڭ نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلدى

2016.03.25 13:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيە قوراللىق قىسىمى باش ئىشتابى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى شۇ كۈنى سوقۇش ئايروپىلانىنى ئىشقا سېلىپ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىقلىرىنىڭ نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلدى، باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى 23-مارت سەھەردە 13 سوقۇش ئايروپىلانىنى ئىشقا سېلىپ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كۇردلار رايونىدىكى كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىقلىرىنىڭ نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلىپ، بەزى ئوق دورا ئامبارلىرىنى پارتلاتتى. باياناتتا يارىدار بولغان ۋە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشكارىلانمىدى، باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى 22-مارت سوقۇش ئايروپىلانىنى ئىشقا سېلىپ تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبدىكى خاكال ئۆلكىسىدىكى كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىقلىرىنىڭ نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر