باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەت بىريۇسسېلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى

2016.03.25 13:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا 22-مارت بىر قاتار تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 34 كىشى قازا قىلدى، 180 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى. ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى بۇ قېتىملىق ھۇجۇمنى ئۆزلىرىنىڭ پەيدا قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. خەلقئارا جەمئىيەت بۇنى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەمدە بىرلىكتە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى. يېڭى زېلاندىيەنىڭ زۇڭلىسى جون كى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتە بېلگىيە بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پېرۇ زۇڭتۇڭى خۇمالا مۇنداق دېدى، پېرۇ ھۆكۈمىتى تېررورچىلارنىڭ بارلىق زوراۋانلىق قىلمىشىنى ئەيىبلەيدۇ، ياۋروپاغا مەدەت بېرىدۇ. چىلى زۇڭتۇڭى مېچىل باچېلەيت تېررورلۇق ھۇجۇمدا قازا قىلغان بىگۇناھ كىشىلەرگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە يارىلانغانلاردىن ھال سورىدى. تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بايانات ئېلان قىلىپ، بېلگىيەنىڭ پايتەختىدە يۈز بەرگەن پۇقرالارغا قارىتىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى. بىرازىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ھەرقانداق مۇددىئا بولۇشتىن قەتئىينەزەر، بارلىق تېررورلۇق قىلمىشلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر